1-ئاينىڭ 5-كۈنى، 2026-يىللىق قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا «2026-يىللىق قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى ئون مۇنەۋۋەر شەھەر» ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن نامزات شەھەرلەر ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، يەنە بىر قېتىم تاللاندى. 2022-يىلى تۇنجى قېتىم تاللانغاندىن كېيىن، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2-قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەرەپ ئۈرۈمچىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى بايلىقى ۋە كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى نوپۇزلۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1-ئاينىڭ 5-كۈنى، 2026-يىللىق قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات يىغىنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەنبە: خاربىن گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى (مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزى) ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قار-مۇز ساياھىتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار توپلانغان. باھالاش «بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپنىڭ ھاياتىي كۈچى، بازاردا ئالقىشلىنىش دەرىجىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى»دىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەمنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس قار تەتىلى سىياسىتى بۇ ساھەنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. 2025-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم قار تەتىلى تەسىس قىلىندى ھەم ئالدى-كەينىدىكى ھەپتە ئاخىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇدا توققۇز كۈن قار تەتىلىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ تەدبىر دۆلەتنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى ھەم ئائىلە قار-مۇز ساياھىتى بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






