1-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، تاڭ شەپىقى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەنىدى، شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاشاجار بازىرى كۆك يار كەنتى ئەتراپىدىكى ئاق قۇ قولتۇقىدا، ئون نەچچە ئاق قۇ دەريادا سۇ ئوينىغاچ ئوزۇق ئىزدەۋاتاتتى. تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بوشلۇقتا بۇلۇت ۋە تۇمان لەيلەپ تۇراتتى، دەريا يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن پارچە ـ پارچە مۇزلار خۇددى مۇز نانغا ئوخشاپ قالغانىدى، ئۇلار مەرۋايىتتەك سۈزۈك بولۇپ، پارلىنىۋاتقان سۇ ھورى ئارىسىدا كىشىگە خۇددى يېڭىلا تونۇردىن چىقىۋاتقان ئىسسىق ناننى ئەسلىتەتتى. ئېگىزدىن كەڭ زېمىنغا نەزەر سالغاندا، ھەممە يەر كۈمۈش لىباسقا پۈركەنگەن، كەنتنى تۇمان سۆڭگىسى ۋە تۇمان ئوراپ تۇرغان بولۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت قىش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






