تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سايرام كۆلىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىسى توردا ئېلان قىلىندى! تورداشلار: ھازىرلا ئۇچۇپ بارغۇم كېلىۋاتىدۇ، دېيىشتى

  يېقىندا

نۇرغۇن تورداش كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان

سايرام كۆلىنىڭ قىش پەسلىدىكى مۇز ئىتتەرمىسى مەنزىرىسى قايتا پەيدا بولدى!

تورداشلار بەستە-بەستە

«بەك گۈزەلكەن!»

«ھازىرلا ئۇچۇپ بارغۇم كېلىۋاتىدۇ» دېيىشتى

شياۋخەن مەۋسۇمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ

تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەپ

سايرام كۆلىنىڭ كۆل يۈزىدىكى مۇز قاتلىمى

كۆل سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە شامال كۈچىنىڭ تەسىرىدە

ئۆزئارا سوقۇلۇپ، دۆۋىلىنىپ

بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇز تام ھاسىل قىلىپ

مۇز پارچىلىرىنى قىرغاققا ئىتتىرىپ

زىل سوقۇلۇش ئاۋازى چىقاردى

كامېرادىن قارىغاندا

بۇ مەنزىرىدە كۆل يۈزىدە مۇز پارچىلىرىدىن شەكىللەنگەن يىلانباغرى سىزىقچىلار 

يىراقتىكى قارلىق تاغ بىلەن قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك قىش مەنزىرىسى ھاسىل قىلغانىدى

بۇ دەل سانسىزلىغان ساياھەتچىلەر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مۇز ئىتتەرمىسى مەنزىرىسىدۇر

بۇ مەنزىرە 1-ئايدا پۈتۈنلەي مۇز تۇتقۇچە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ

ھەمدە 3-ئايدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان

توڭ ئېرىش مەزگىلىدە يەنە پەيدا بولىدۇ

سايرام كۆلىدىكى «گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان» مۇز ئىتتەرمىسى مەنزىرىسى. سۈرەتنى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن

 مۇز ئىتتەرمىسى مەنزىرىسى

 كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن ھاسىل بولىدۇ

كېچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىدۇ

كۈن چىققاندا

قۇياش نۇرى مۇز پارچىلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ

كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرلارنى ھاسىل قىلىپ

«كۆلنىڭ يېرىمى قاشتېشىدەك ئاق، يېرىمى كۆپكۆك» بولۇشتەك شېرىي تۈسكە ئىگە مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ

سايرام كۆلىنىڭ مۇز ئىتتەرمىسى مەزگىلىدىكى ئۆزگىچە «كۆلنىڭ يېرىمى قاشتېشىدەك ئاق، يېرىمى كۆپكۆك» مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت). نەن دېڭ فوتوسى

  مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە

سائەت 10دىن 12گىچە، 16دىن 18گىچە بولغان

بۇ ئىككى ۋاقىت بۆلىكىدە بېرىپ

كۆل يۈزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ

​   نۇر بىلەن مۇز مەنزىرىسى يۇغۇرۇلغاندىكى مەنزىرە كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدۇ

سايرام كۆلىدىكى مۇز پۈۋەك مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  مۇز ئىتتەرمىسى مەنزىرىسىدىن باشقا يەنە

مۇز پۈۋەك مەنزىرىسىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

قىش كېلىشى بىلەنلا

ھەر كۈنى نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ مۇز پۈۋەك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ

مۇز پۈۋەك مەنزىرىسىنى ئادەتتە ھەر يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە

كۆل يۈزى پۈتۈنلەي مۇز تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ

ئۇ ۋاقىتتا مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى 50 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ

كۆل تېگىدىكى مىكرو ئورگانىزملار ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ ھاسىل بولغان مېتان گازى

ئۆرلەش جەريانىدا كۆل سۈيىگە ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە توڭلايدۇ

شۇنىڭ بىلەن قاتار-قاتار ئۆزگىچە مۇز پۈۋەك مەنزىرىسى ھاسىل بولىدۇ

  مۇز ئىتتەرمىسى ۋە مۇز پۈۋەكتىن باشقا

قىش پەسلىدە سايرام كۆلىدە يەنە بۇنداق

ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەر بار.

مۇز نان

مۇز نان دەسلەپكى نېپىز مۇزنىڭ يوشۇرۇن ئېقىن بىلەن كۈچلۈك شامالنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئاستىدا

لەيلەش، ئايلىنىش، قېتىشىشتىن شەكىللەنگەن

ئەڭ ئاخىرىدا گىرۋىكى سەل قېلىن

مەركىزى يۇمىلاق تەخسىسىمان ھالەتتە ھاسىل بولغان مۇز بولۇپ

خۇددى ئاق قاشتېشى ناندەك مۇز يۈزىگە تارقالغان

ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش ۋاقتى

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىنكى يىلى 1-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ (تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش مەزگىلى)

مۇز گۈللىرى

سايرام كۆلىدىكى مۇز گۈللىرى ئاجايىپ مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت). سۈرەتنى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن

  تۈن پەردىسى يېيىلغاندا

سۇ پارى مۇز يۈزىدە قېتىپ

شەكلى ھەر خىل مۇز گۈللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ

مۇز گۈللىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ شەكلى يېنىك پەيگە ئوخشايدۇ، بەزىلىرى مارجانغا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئالماس پارچىلىرىدەك

تاڭ نۇرى ئاستىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ

  ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش ۋاقتى

ھەر يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ (سەھەردىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەزگىلى)

مۇز كۆز

سايرام كۆلىدىكى مۇز كۆز مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  كۆل يۈزى توڭلىغاندىن كېيىن

كۈچلۈك شامال لەيلىمە مۇزنىڭ يۆتكىلىشىنى، قىسىلىشىنى كۇچەيتىدىغان بولۇپ

سوغۇققا يولۇققاندا مۇز تۇغان شەكىللىنىپ

مۇز تۇتمىغان كۆل يۈزىدە قايتىدىن مۇز تۇتۇپ

ئۆزگىچە مۇز كۆز مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ

ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش ۋاقتى

ھەر يىلى 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ

  2025-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى مۇز شارقىراتما ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى فوتوسى

  گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىنى تاماشا قىلىشتىن باشقا

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى بۇ يىل قىشتا

يەنە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مول ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى

ساياھەتچىلەر ھەم گۈزەل مۇز شاقىراتما مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ

يەنە مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش قاتارلىق تەنھەرىكەت خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ

بۇ قىشتا

چوقۇم سايرام كۆلىگە بېرىڭ!

بېرىپ بىر مەيدان شامال بىلەن مۇزنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ

تەبىئەت نەقىشلىگەن ئەڭ رومانتىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.