1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شياۋشى شىۋېيۋەن (消食十味丸) قاتارلىق يەتتە خىل مىللىي تېبابەت دورىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رۈنفېي ئالىخۇڭپيەن (润肺阿里红片) قاتارلىق ياسالما دورىلىرىدىن 24ى ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مىللىي تېبابەت دورىلىرى بىرتۇتاش B تۈردىكى دورىلار بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياسالما دورىلىرى پەقەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مۇناسىپ ياسالما دورا تەستىق ھۆججەت نومۇرى (ياكى ئەنگە ئېلىش نومۇرى)غا ئېرىشكەن، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز ئاپپاراتىدا ئىشلىتىشى ياكى تەستىقلىتىش ئارقىلىق ئالاھىدە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا تەڭشەپ ئىشلىتىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان تەڭشەش دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ياسالما دورىلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە بولىدۇ. ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياسالما دورىلىرى بىرتۇتاش B تۈردىكى دورا بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغاندا، مىللىي تېبابەت دورىسى، جۇڭيى دورا ياسالمىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياسالما دورىلىرى چىقىم قىلىشتا A، B تۈرگە ئايرىلمايدۇ.







