تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى-بايىنغولىن ئوبلاستى ئارىسىدا شۇ كۈنى يەتكۈزۈلىدۇ!

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كورلا شەھىرىگىچە

ھەم بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق سەككىز ناھىيەنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى

«شۇ كۈنى يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى!

   G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، بۇ پوچتا يولىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى، رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلا شەھىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىغا قاراشلىق سەككىز ناھىيەنىڭ پوچتا يوللانمىلىرى «ئەتىسى يەتكۈزۈلۈش»تىن «شۇ كۈنى يەتكۈزۈلۈش»كە ئۆزگىرىدۇ، بۇ، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭدا پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۈنۈمىدە ماھىيەتلىك ھالقىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىق پوچتا يوللانمىسى بېسىلغان بىر پوچتا ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا قاراپ ماڭدى.

ۋۇ فاڭ فوتوسى

   شۇ كۈنى سائەت 13تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 1270 تېز يوللانما پوسۇلكىسى قاچىلانغان 9.6 مېتىرلىق پوچتا ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى.

   «ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش ۋاقتىنىڭ يېرىمى تېجىلىپ قالدى.» بۇ قېتىمقى پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مەركىزى ئۇزۇن يوللۇق پوچتا ئاپتوموبىلى شوپۇرى مەخمۇتجان ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تاغ يولى ئەگرى-بۈگرى، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە قار ياغقان كۈنلىرى ئاسانلا ماشىنا توسۇلۇپ قالاتتى، ھازىر يول كەڭرى ھەم تۈز، ۋاقىت تېجىلىپلا قالماي، ئاپتوموبىل ھەيدەش تەسىراتىمىزمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى.

   ئالدىنقى كۈنى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان گېزىت يەتكۈزۈش مەخسۇس لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەخسۇس لىنىيەگە 4.2 مېتىرلىق پوچتا ئاپتوموبىلى سەپلەنگەن بولۇپ، تۆت سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، كورلا شەھىرى ۋە باغراش ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى قاتارلىق تۆت ناھىيەدە پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى شۇ كۈنى يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مۇددىتى ئىلگىرىكىدىن بىر كۈنگە يېقىن ئالدىغا سۈرۈلدى.

   ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى جېڭ شىنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك پوچتا يولى رەسمىي ئېچىلغاندىن كېيىن، كورلا شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ مۇددىتى يېرىم كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى، سەككىز ناھىيەنىڭ مۇددىتى بىر كۈندىن ئارتۇق ئالدىغا سۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلار ئارا «شۇ كۈنى يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى.

   جېڭ شىنۋېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىنىڭ پوچتا يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماددىي ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ راۋان بولۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.