تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىنجاڭلىق بىر پۇتلۇق قىزنىڭ «يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل كېچىلىكى»نى كۆرۈۋېتىپ، كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى ...

«مېنىڭ پەقەت بىر پۇتۇم كەمتۈك، لېكىن ئارزۇيۇم كەمتۈك ئەمەس ... »

يېقىندا، شىنجاڭدىكى «بىر پۇتلۇق قىز»نىڭ سىن كۆرۈنۈشى

نۇرغۇن تورداشنىڭ قەلبىنى لەززىگە سالدى

سىندىكى باش پېرسوناژ

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزسى ئۇزۇنكۆل كەنتىدىن

11 ياشلىق قىز نەفىسە مەڭلىك ئىدى

ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ قىز

 ئۇنىڭغىلا تەۋە بولغان بىر مەيدان ئۇسسۇل كېچىلىكىدە

ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە

ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ پىلانلىغۇچىسى

ئاۋات يېزىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى ۋاڭ خاۋشياڭ بولۇپ

ئىككىيلەننىڭ رىشتى

2025-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر قېتىملىق پائالىيەتتىن باغلانغانىدى

«باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى تالىشىپ جاۋاب بەردى

لېكىن بۇ قىزچاق بالىلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ

جاۋاب بەرگۈسى باردەك، ئەمما يەنە سەل ئىككىلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى

قىزچاقنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى ماڭا باشقىچە تەسىر قالدۇرغانىدى»

نەفىسە (ئالدىنقى رەت سولدىن بىرىنچى) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە. بۇ شىنمىڭ فوتوسى

  نەفىسە ئاۋات يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ

بەش ياش ۋاقتىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە سول پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان

شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن

ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ قىزچاق باشقىلار ئالدىدا ناھايىتى ئاز  ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولۇپ قالدى

ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلھام بېرىشى بىلەن

ئۇ ئاستا-ئاستا ئۈمىدۋار بولدى 

ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئالدىنقى قاتارغا ئېلىپ چىققاندىن باشقا

يەنە ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل ئويناش ئىشەنچىسىنى قايتا تاپتى

ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى

پۇرسەت بولسا ئۆزىگە تەۋە ئۇسسۇل سەھنىسىگە چىقىش ئىدى

ۋاڭ خاۋشياڭ شۇ ھامان بىر ئويغا كېلىپ

نەفىسە ئۈچۈن بىر مەيدان ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىدى

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن

ۋاڭ خاۋشياڭنىڭ خىزمەتداشلىرى، كەنتتىكى يۇرتداشلار

يەنە نەفىسەنىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى

ھەممەيلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ياردەملەشتى

سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن چىراغلارغىچە

كۆپچىلىك ھەر بىر ھالقىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى

نەچچە ئون مەدەت بېرىش تاختىسىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تىلەكلىرى بىلەن تولدى:

«نەفىسە، غەيرەت قىلىڭ!»

«سىز ئەڭ گۈزەل ئۇسسۇلچى!»

كۆپچىلىك بىرلىكتە مەدەت بېرىش تاختىسى ياسىماقتا.  مەنبە: «يولداش شياۋۋاڭ» دوۋيىن سۇپىسى

«مۇراسىم تۇيغۇسى بالىلارنىڭ قەلبىگە كۈچ بېرىدۇ

 شۇڭا مەن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇل كىيىمى ۋە ئويۇنچۇقلارنى

سوۋغات سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىدىم»

دېدى ۋاڭ خاۋشياڭ 

ۋاڭ خاۋشياڭ نەفىسە ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغاتلار.  مەنبە: «شياۋۋاڭ تۇڭجى» دوۋيىن سۇپىسى

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن

ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۇزۇنكۆل كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدە ئۆتكۈزۈلدى

پائالىيەت نەق مەيدانىغا 100دىن ئارتۇق كىشى كېلىپلا قالماي

يەنە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئالايىتەن يېتىپ كەلگەن ناتونۇش كىشىلەرمۇ بار ئىدى

كېلىش مەنبەسى:  «يولداش شياۋۋاڭ» دوۋيىن سۇپىسى

مۇزىكا ياڭرىدى

نەفىسە باتۇرلۇق بىلەن سەھنىگە چىقتى

پىرقىراش، قول كۆتۈرۈش، قەدەم ئېلىش

ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىدە ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت بار ئىدى

ئۇسسۇل ئاياغلىشىشى بىلەن

 كۆپچىلىك سەھنىگە چىقىپ ئۇنى چۆرىدەپ بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى

بۇ كۆرۈنۈش نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆز چاناقلىرىنى ياشقا تولدۇردى 

كېلىش مەنبەسى: «يولداش شياۋۋاڭ» دوۋيىن سۇپىسى

ئۇسسۇل كېچىلىكى ئاخىرلاشتى

بىراق بۇ مەيدان مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى يەنىلا داۋاملاشتى

نەفىسەنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغان كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازارلىق 3-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى

ئىپارگۈل مەتقاسىم

ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئۆگىتىشنى قارار قىلدى

ئىپارگۈلنىڭ قالدۇرغان سۆزى

ئىپارگۈل نەفىسەگە ئۇسسۇل ئۆگەتمەكتە. مەنبە: «يولداش شياۋۋاڭ» دوۋيىن سۇپىسى

ئىپارگۈل شاڭخەي تىياتىر شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن

ئۇسسۇل ئويناش ئۇنىڭ كەسپى ئىدى

ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ نەفىسەگە ئۇسسۇل ئۆگەتتى

 گەرچە بىر قېتىم ئۇسسۇل ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق  مۇساپىنى بېسىپ كەلسىمۇ

ئەمما ئىپارگۈل ھاياجانلانغان ھالدا:

«پەقەت نەفىسە ئۆگىنىشنى خالىسىلا، مەن داۋاملىق ئۆگىتىمەن»، دېدى

نەفىسەنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن كۆرۈنۈش.  سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

نۇرغۇن مېھرى-مۇھەببەتكە ئېرىشكەن نەفىسە

 ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:


«باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇ قوغلىشىۋاتقان ھەر بىر بالىنىڭ

 دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشىشىگە

ھەر بىر تىز پۈكمەس ئارزۇنىڭ 

نەزەرلەرگە ئېلىنىشىغا، ئالقىشلىنىشغا تىلەكداشمىز

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.