تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %100كە يەتتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ناھىيە بازىرى ئۇنىۋېرسال سودا مۇلازىمەت مەركىزى، ناھىيە دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى، يېزا-بازار ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پونكىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا-كەنتلەردە تېز يوللانمىلارنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %100كە يەتكەن؛ يېزا-بازار سودا مەركىزى، كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق ماگىزىنلارنىڭ قاپلاش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %96.56 ۋە %98.92كە يەتتى.

   «ناھىيە رايونى سودىسىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)» يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ناھىيە رايونى سودا تورى ئەندىزىسى سىجىل ئەلالىشىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى، تىجارەت باشقۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تەقسملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى. ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا شارائىتى ھازىرلانغان ناھىيە، يېزا، كەنت سودا تور نۇقتىلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشى «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»تىن «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»كىچە ھالقىما دەرىجە ئۆستۈرمەكتە.

   «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش بىلەن دەل جايىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىي 548 مىليون يۈەن مەركەز مالىيە مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 399 تۈرنى دەل جايىدا قوللاپ، جەمئىيەتنىڭ 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈر ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىستېما قۇرۇلۇشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

   ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر سىجىل تولۇقلىنىپ، سودا تورى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى. شىنجاڭدا ناھىيە بازىرى ئۇنىۋېرسال سودا مۇلازىمەت مەركىزىدىن 255ى قۇرۇلۇپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، 2021-يىلىدىكىدىن %45.7 ئاشتى؛ يېزا-بازار سودا مەركىزىدىن 1065ى قۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق ماگىزىنىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ 200ى قۇرۇلۇپ، «ناھىيەدە مەركەز بولۇش، بازاردا تۈگۈن بولۇش، كەنتتە تور نۇقتىسى بولۇش»تەك قاتلام دەرىجىسى ئېنىق، ئىقتىدار جەھەتتە بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان سودا مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، يېزىلارنىڭ ئىستېمال مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

   ئەشيا ئوبوروتى ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. شىنجاڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزىنى تولۇق قاپلاشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-بازارلارلىق تېز يەتكۈزۈش پونكىتىدىن 1412نى قۇرۇپ، پوچتا بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، يولۇچى تىرانسپورتى، يۈك تىرانسپورتى، پوچتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈجۈپىلەشكەن تەقسىملەش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، تېز يوللانمىلارنىڭ كەنتلەرگە يەتكۈزۈلۈش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزۈش»نى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

   ناھىيە بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى سىياسەت، مەبلەغ ئارقىلىق يېتەكلىگەن، يېتىشتۈرگەن باشلامچى كارخانىلار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە سودا ئوبوروتىدىكى باشلامچى كارخانىلار ئىچىدىكى 110ى ئۆزى قۇرغان ئەشيا ئوبوروتىنى ئىشلەتتى، 60ى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، 130ى زەنجىرسىمان تىجارەتنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 96 ناھىيە، شەھەر رايونىنى دەرىجىگە ئايرىپ تىپىنى بېكىتىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 18 ناھىيە، شەھەر رايونىنىڭ نىشاننى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىشىغا تۈرتكە بولدى، بورتالا شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق ئالتە ناھىيە، شەھەر رايونى ئاساسىي تىپتىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تىپىغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ھالقىما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ كۈنەس ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز ناھىيە، شەھەر رايونى مەملىكەت بويىچە ناھىيە رايونى سودىسىدىكى «باشلامچى ناھىيە» تىپىك مىسالى قاتارىغا كىردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ناھىيە رايونلىرىدىكى تۆۋەنگە يۈزلەنگەن بازارلارنى جانلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك سودا تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى يادرو قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.