

1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ياۋا ئۆردەكلەر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدىكى سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ ئوينىماقتا. ھازىر، شىمىگۇ باغچىسى كۈمۈش لىباس كىيگەن بولۇپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. تېخىمۇ ئۆزگىچە بولغىنى شۇكى، باغچە ئىچىدىكى شۈيمو دەرياسى قىشتا مۇز تۇتمايدىغان بولۇپ، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سۇ تۇمانلىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېشىل باش ئۆردەك، قارا ئاققۇ قاتارلىقلار سۈزۈك سۇدا بەخىرامان ئۈزۈپ، جىمجىت قىش مەنزىرىسىگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى






