تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «خىزمەتچى خادىم ماڭا يان تېلېفوندا بېجىرىش تەرتىپىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، مەن ماتېرىيال تاپشۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش مەشغۇلاتىنى ناھايىتى تېزلا تاماملىدىم، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بولدۇم» دېدى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى يەككە تىجارەتچى خوۋ يىجۈەن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا.
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەككە تىجارەتچىلەر خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە يان تېلېفوندا تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرمەكتە.
يېقىندا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)لىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ بويىچە تىجارەت كىنىشكىسىنى «يان تېلېفوندا بېجىرىش» مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى «توردا بېجىرىش»تىن «يان تېلېفوندا بېجىرىش، ھەر ۋاقىت بېجىرىش»كە يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا بېجىرىش، دەرھال بېجىرىپ، دەرھال ئېرىشىش»تىن ئىبارەت مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ياراتتى.
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يەككە تىجارەتچىلەرگە تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ بەرمەكتە.
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوئال-جاۋاب ياردەمچىسى خىزمەتچى خادىملارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قىلدى.
تىجارەت كىنىشكىسىنى «يان تېلېفوندا بېجىرىش» مۇلازىمىتىنىڭ يادروسى زامان-ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش بولۇپ، ئاممىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار زالىغا قاترىشى، كومپيۇتېرغا قارىشى ھاجەتسىز، پەقەت بىر يان تېلېفونغا تايىنىپلا كەسىپلەرنى پۈتۈن جەريانلىق بېجىرەلەيدۇ. «ئىش بېجىرىش تەرتىپى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلدى، كىملىك، تىجارەت سورۇنى ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى پەقەت سۈرەتكە تارتىپ يوللىسىلا بولىدۇ، مەشغۇلاتى بىۋاسىتە، چۈشىنىشلىك» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)لىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىش، تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما دەنچىڭ.
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەككە تىجارەتچىلەر خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە يان تېلېفوندا تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرمەكتە.






