قايسى كۈندىن باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس، «بازارغا بېرىش»تىن ئىبارەت دەۋر تۇيغۇسىغا باي بۇ سۆز شەھەر تۇرمۇشىدا قايتىدىن جانلىنىپ، خۇددى بىر خىل كوللېكتىپ كەيپىياتنىڭ قايتما ئېقىمىغا ئوخشاش، ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىردى.
شىنجاڭدا، قاينام-تاشقىنلىققا ۋە تۇرمۇشتىكى باغلىنىشقا بولغان بۇ خىل ئۈمىدنىڭ «بازارغا بېرىش» دېگەن تونۇش نامى بار.
قوي-كالا بازىرى، قۇرۇق مېۋە بازىرى، مەززىلىك تائاملار بازىرى، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى ... سىز ئويلىغان ۋە ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بازاردا پەيدا بولىدۇ.
ئەنەنچۈ بازىرىدىكى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش بازىرى
ئورنى: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئۈرۈمچى-ۋۇجياچۈ تاشيولى شىگوبىي يول ئېغىزىدا
ۋاقتى: ھەر سەيشەنبە سائەت 9:00دىن 19:00غىچە

ئەنەنچۈ بازىرىدىكى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش بازىرى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن ئانچە يىراق ئەمەس، بازارغا كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يەردىكى كىشىلەر، بازارنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئىللىق.
سەھەردە يېڭىلا ئۈزگەن كۆكتاتلارنىڭ يۈزىدە شەبنەم يالتىراپ تۇرىدۇ، بۇ يەردىكى باغدىن بىۋاسىتە تەمىنلىنىدىغان مېۋىلەرنىڭ رەڭگى قېنىق، دانىسى چوڭ، دېھقانلار ئۆزى باققان ئۆي قۇشلىرىنىڭ تۇخۇمىنى سېۋەتكە ئاۋايلاپ قاچىلاپ قويغان، قەدىمىي ئۇسۇلدا يېڭىدىن سىقىلغان زىغىر مېيىنىڭ خۇش پۇرىقى ھەممە جايغا تارقالغان.
كۆكتات سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىق نان ياكى بىر قاچا تەملىك راڭپىزا يېيىش بىر چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ.

ئەمدىلا قاتناش باشلانغان 3025-يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى بىۋاسىتە بۇ بازارغا بارىدۇ. بۇ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ قاتناش لىنىيەسى ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدىن بېيدا يولىدىكى ئەنجى ئولتۇراق رايونىغىچە بولۇپ، بېكەت بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن بولغاچقا، ھەر سەيشەنبە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بازارغا بارىدىغان «مەخسۇس قاتناش لىنىيەسى» بولۇپ قالدى.
قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇلاغ بازىرى
ئورنى: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسى پامىر چوڭ يولى
ۋاقتى: ھەر يەكشەنبە سائەت 9:00دىن 21:00گىچە

قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كەڭ كەتكەن يەردە، ھەر يەكشەنبە بىر ئۆزگىچە بازار __ ئۇلاغ بازىرى مۇقىم ئېچىلىدۇ، شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل بىلەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەر قەشقەرگە كەلگەندە چوقۇم بارىدىغان جاي.
قوڭغۇراق يېنىك جىرىڭلاپ، سودا قىلغۇچىلار قول ئىشارىسى ئارقىلىق باھادا كېلىشىپ، كۆزلىرىنى ئۇچراشتۇرۇش ئارىلىقىدا بىر مەيدان ئىشەنچ سودىسىنى تاماملايدۇ.
ئەتىگەن سائەت 10 ئەتراپىدا يېتىپ بارغاندا، بازارنىڭ جىمجىتلىقتىن ئاۋاتلىشىشقا ئايلىنىش جەريانىنى ھېس قىلىپلا قالماي، «rua» قوي قۇيرۇقىنى تۇتقاندىكى سېزىمنى ھېس قىلىپ، قەشقەردىكى قايناق تۇرمۇش پۇرىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلغىلى، يەنە ئېسىل تائاملار رايونىدا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ، بۇ مەززىلىك تائاملارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان.
توقسۇن چوڭ بازىرى
ئورنى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى بازىرى دوستلۇق ئوتتۇرا يولى بىلەن شۈييۈن يولى كېسىشكەن ئېغىزنىڭ شىمالىغا 420 مېتىر كېلىدىغان جايدا
ۋاقتى: ھەر يەكشەنبە سائەت 10:00دىن 22:00گىچە
ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جايلاشقان توقسۇن چوڭ بازىرى يېزا تۇرمۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن بازارغا يېتىپ كېلىشىدۇ، بازار سودا-سېتىقتىن باشقا يەنە كونا دوستلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىغا ئايلىنىدۇ. بازاردا يېڭى كالا-قوي گۆشى، مېۋىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ھەممە جاي مەززىلىك تائاملاردىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق ھور، كاۋاپ پىشۇرغاندا چىققان ئىس-تۈتەك ۋە مەززىلىك پۇراققا تولغان بولۇپ، بىر قېتىمدىلا بۇ مەززىلىك تائاملارنىڭ ھەممىسىگە ئېغىز تېگىش مۇمكىن ئەمەس.
بۇ يەردە سىز تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ زىننەتلەنمىگەن باياشات قىياپىتىنى كۆرەلەيسىز.
يار بازىرى
ئورنى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى
ۋاقتى: ھەر جۈمە، يەكشەنبە سائەت 8:00دىن 16:00گىچە
تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى يار بازىرىغا كىرگەندە، رەتلىك يايما ئورنى، پاكىز يول كۆزگە چېلىقىدۇ، يېقىندا بازارنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈلۈپ، خېرىدارلارغا تېخىمۇ ياخشى بازار تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.
خاس مەززىلىك تائاملار، مېۋە، كۆكتات، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. تىجارەتچىلەر قىزغىن توۋلاپ ماللىرىنى ساتىدۇ، سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ، تۇرۇپ پەسىيىپ بازارغا ئاۋاتلىق قوشىدۇ، ھەر بىر يايما ئورنى تاۋار تاللىغىلى كەلگەن خېرىدارلار بىلەن لىق تولىدۇ.
بۇ يەردە قەرەلسىز ھالدا يەنە ئېسىل پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ھەمتۈرتكىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، قىش پەسلىدىمۇ «ئوت يۇرتى»نىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
جىنشەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى
ئورنى: تۇمشۇق شەھىرىدىكى بەخت يولى بىلەن نۇرلۇق يولىنىڭ كېسىشكەن ئېغىزىدا
ۋاقتى: ھەر يەكشەنبە سائەت 10:00دىن 22:00گىچە
تۇمشۇق جىنشەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا يېقىن بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ شەھەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.
ھەر بازار كۈنى ئەتراپتىكى ئاھالىلەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، مال سېتىۋالىدۇ.
بازاردا ھۆل مېۋە، قۇرۇق مېۋە، قوشۇمچە يېمەكلىك، گۆش، كۆكتات، ئۇششاق يېمەكلىكلەر ... قاتارلىقلارنىڭ تۈرى تولۇق، ناھايىتى ئاۋات.
گۇگۇم چۈشكەندە، كۈن غەربكە ئولتۇرۇشقا باشلايدۇ، بازارنىڭ قاينام-تاشقىنلىقى خۇددى دېڭىز سۈيى پەسەيگەندەك ئاستا-ئاستا بېسىقىدۇ.
كىشىلەر سېتىلىپ بولالمىغان ماللىرىنى يىغىشتۇرىدۇ، شۇنداقلا بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىك ئىشلىرىنىمۇ ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بازار تارقىغاندا مال سېۋەتلىرى يېنىكلەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە لىققىدە «نەرسە» قاچىلىنىدۇ، بۇ، كونا دوستلار بىلەن قايتا ئۇچراشقاندىكى خۇشاللىق، ياكى رازى بولغان سودا ئېلىپ كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ياكى بۇ قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە قاينام-تاشقىنلىقتىن ھاسىل بولغان رازىمەنلىك بولۇشى مۇمكىن.
«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






