ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) «خۇادىڭ مۇكاپاتى بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىزگە ئىلھام بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يول كۆرسىتىش بولدى − شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى خاس ئەۋزەللىك بولۇپ، پەقەت زامانىۋى گۈزەللىككە ماس كېلىدىغان ئىپادىلەش شەكلىنى تاپقاندىلا، خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە ئەسەرلەرنى تامامەن ياراتقىلى بولىدۇ» دېدى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈەنخۇڭ گۇۋچېڭ بوشلۇق لايىھەلەش (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى لى چۈەنخۇڭ.
2025-يىلىنىڭ ئاخىرى، جۇڭگو خەلقئارا بىناكارلىق بېزەكچىلىكى ھەم لايىھەلەش سەنئىتى كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھەلەش كۆرگەزمىسى»دېيىلىدۇ)نىڭ «قايتا قۇرۇش. بىللە ياشاش» جۇڭگو لايىھەلەش يېڭى ئېكولوگىيە تەرەققىيات مۇنبىرىدە، چۈەنخۇڭ گۇۋچېڭ بوشلۇق لايىھەلەش شىركىتى لايىھەلىگەن ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى . جياڭلەيچېڭ تۈرى دەسلەپكى تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا لايىھەلەش كۆرگەزمىسىنىڭ خۇادىڭ مۇكاپاتى بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى 2-قارار . جياڭلەيچېڭ.
ماتېرىيال سۈرەت
لايىھەلەش كۆرگەزمىسى 2005-يىلى باشلانغان بولۇپ، جۇڭگو بىناكارلىق بېزەكچىلىكى جەمئىيىتى، چىڭخۇا داشۆ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاپپاراتلار بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۇ، جۇڭگونىڭ بىناكارلىق بېزەكچىلىكى ۋە لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارالىق كاتتا كۆرگەزمىلەرنىڭ بىرى، بۇ مۇكاپات تۈرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق لايىھەلەش ئۇستىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان، بۇ قېتىمقى باھالاشتا تەخمىنەن 5000 پارچە ئەسەر قوبۇل قىلىنغان.
ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى، ھەم ئۈرۈمچى ساياھەتچىلىكىنىڭ تۇنجى بېكىتى، ھەم شىنجاڭنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن ساياھەت «نام كارتىسى». چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭلەيچېڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، خاس يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مال سېتىۋېلىش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئانار گۈل كوچىسى، تىيانشان قار لەيلىسى مەيدانى قاتارلىقلار زامانىۋى لايىھە تىلى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بىلەن زامانىۋى سودا مەنزىرىسىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈردى.

2025-يىللىق لايىھەلەش كۆرگەزمىسى خۇادىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر بىرلەشمە كۆرگەزمە تاختىسى.
«جياڭلەيچېڭنىڭ لايىھەسى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى سودا كەسىپ ھالىتىگە يۇغۇرۇلغان، بوشلۇق لايىھەسى جانلىق، ئەپچىل پىكىر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشقان، بۇ، شەھەر سودىسىنى يېڭىلاش ۋە سۈپەت لايىھەلەشتىكى ئۈلگىلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ» دەپ باھا بەردى لايىھەلەش كۆرگەزمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، يۈەنچۇاڭشىڭ لايىھەلەش مەركىزى سۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى خۇ جىۋېي.
لى چۈەنخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈرنىڭ لايىھەسىگە شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ-ئادىتى، خاس مەززىلىك تائاملار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەمدە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار توپلانغان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، بولۇپمۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاسىتە قىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسى چۈشەندۈرۈلۈپ، پەرق ئېتىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرۈنۈش بەرپا قىلىنغان.
«بۇ شەرەپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەربىر كىشىگە مەنسۇپ.» ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جۇ باۋجيەن مۇنداق بىلدۈردى: چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى داۋاملىق تۈردە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، جياڭلەيچېڭنى «دۇنياغا شىنجاڭنى چۈشەندۈرىدىغان مەدەنىيەت كۆزنىكى»قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






