سەي چى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپىنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن تۇتۇشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەشۋىقاتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىۋى پىكىرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارى ۋە يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك ياخشى سۆزلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش - تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ۋە كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ رەقەملىشىش، ئاقىللىشىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشى ۋە ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيې نىڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.






