12 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرى −
«كەلگەن ئىكەنمىز، چوڭقۇر يىلتىز تارتىمىز، ئەمەلىي ئىش قىلىمىز!»
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
تاغ - دېڭىزدەك چوڭقۇر مۇھەببەت تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 12 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 200دىن ئارتۇق تايانچ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، چېگرا رايوندىكى مېھىرلىك تۇپراققا بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شەرەپلىك مۇساپىنى باشلىدى.
12 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرىدۇ.
«شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، <قول سېلىپ ئىشلەش، دادىل مەسئۇل بولۇش> قىياپىتى بىلەن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىمىز» دېدى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ گوۋېي.
چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ بولىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.
ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن كەسىپ ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشقىچە، مائارىپ، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىن مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر جەمئىي 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق بايلىقلارنى سىجىل تۈردە سېلىنما قىلىپ سېلىپ، «ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك» ياردەم بېرىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشكە، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ھارارەتكە ئىگە قىلىشقا، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.
«مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش قىلىشتا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك.» لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لو كۈيلياڭ مۇنداق دېدى: ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا تەشكىللەپ، ياش - ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە دوستلۇق - دوستلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئارىلىشىش قىزغىنلىقى ۋە ھېسسىيات چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرىمىز.
جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنىڭ %89.2ى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنىپ، %91.3ى ئاساسىي قاتلامغا سېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا - كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بالىلار يېقىن ئەتراپتا ئوقۇدى، ياشانغانلار يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ بۇ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»لىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ قوللىشىدىن كەلگەن.
«خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك - ئەمەلىي، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - يېشىل، بىخەتەر - ئىشەنچلىك، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان شەھەر - بازارلارنىڭ زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جو چىڭ.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى كىشىلىك ھاياتتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم چېنىقىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قىممەتلىك سۇپا.
«<نام - ئاتاققا ئېرىشىش> ئىدىيەسى، <مېھمان بولۇش> پىسخىكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىمىز».
«ھەر ۋاقىت <شىنجاڭغا نېمە ئۈچۈن ياردەم بېرىمىز، شىنجاڭدا قانداق ئىشلارنى قىلىمىز، شىنجاڭغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز> دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۆزىمىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز».
«كەلگەن ئىكەنمىز، چوڭقۇر يىلتىز تارتىمىز، ئەمەلىي ئىش قىلىمىز!»
...
قارشى ئېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارزۇسى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. ئاددىي سۆزلەردىن سەمىمىيلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق چىقىپ تۇراتتى.
كۆز ئالدىمىزدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئەسلىي مەقسەتكە گۇۋاھ بولدى؛ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يېڭى مۇساپىدە، دەۋر مۇھىم تاپشۇرۇقى زىممىگە ئېلىندى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭ يىراقتىكى بىر جاينىڭ نامى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ تۇپراق. ھازىردىن باشلاپ ئۇلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى جەريانىدا قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلىنىش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە گۇۋاھ بولىدۇ.






