كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدۇق، يېڭى يىلدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. شىنجاڭدا يېڭى يىلدا ھەممە شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى.
يېڭى يىلدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا داقا-دۇمباق ياڭرىدى، ئۈرۈمچىدە كوچا ئويۇنى قويۇلۇپ، بەل دۇمباق ۋە داپ ساداسى ياڭرىدى. چوڭ بازاردىكى ئەينەك شارچىگە ئېلىنغان ئاق تۇلپار مەنزىرىسى ئالدىدا ساياھەتچىلەر بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى بىرلىكتە يېڭى يىللىق ئۇچرىشىشقا ئاتلاندى. مەھەللىلەردە بالىلار تېرە قونچاق ئويۇنى كۆردى، تاڭرېن كەمپۈتىنىڭ تاتلىق پۇرىقى دىماقلارغا ئۇرۇلدى؛ ياشانغانلار داشۆسىدە، شىنجاڭ ئۇسسۇلى قىزغىن، جۇشقۇن ئوينالدى، داپ چېلىنىپ بەختكە تولغان رىتىمنى ياڭراتتى. يېرىم كېچىدە «جۇڭگو قار-مۇز ماكانى، مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق پويىز گۈدۈك چېلىپ شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ، يولۇچىلارنى ئېلىپ قار-مۇز ئۇچرىشىشىغا ئاتلاندى. يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، لەنجوۋ-شىنجاڭ گاۋتيېسىنىڭ داۋانچىڭ بۆلىكىدىكى ئاسماندا، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاي بىپايان چۆللۈكنى يورۇتتى، ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئۇچقاندەك يۈرۈپ، سىگنال مۇنارىنىڭ چىراغ نۇرى تولۇن ئاي بىلەن ئاستا پىچىرلاشتى.
شەھەرنىڭ يەر بەلگىسىدىن مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن قار-مۇز شادلىقىغىچە، شىنجاڭدا يېڭى يىل ئەنئەنە بىلەن يېڭى مودا يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا باشلىنىپ، ئىللىقلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى. يېڭى يىل باشلىنىپ، ھەممە شەيئى ئۈمىدكە تولدى.

ئاق تۇلپار مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
2026-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى ئەينەك شارچىگە ئېلىنغان ئاق تۇلپار مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. يېڭى يىللىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، ۋەنكې مەيدانى، خوتەن كوچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يەر بەلگىسى ماس قەدەمدە رەڭدارلىققا تولغان يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى باشلىدى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەت بىلەن قويۇلدى، ئېتىبار بېرىش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى سەمىمىيەتكە تولدى، تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىن ئىبارەت ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى قىشتىكى بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇق تۈسكە ئىگە قىلدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

كوچا ئويۇنى قىزىپ كەتتى
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بەل دۇمباق ئويۇنى قويدى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تەييارلىغان كوچا ئويۇنى كۆرىكى جىڭكەي ۋەندانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قىزغىن قويۇلدى، 11 ئەترەت نۆۋەت بىلەن ئويۇن قويدى، داقا-دۇمباق سادالىرى ياڭراپ، جانلىق ئۇسسۇل ئوينالدى، ئەنئەنىۋى كوچا ئويۇنىنىڭ ۋەزنىلىك بولۇشى بىلەن پەن-تېخنىكا ئويۇنى يېڭى ئېقىمى ئۆزگىچە ئۇچقۇن ھاسىل قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى سۇنۇپ، ھەممە يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

داپ چېلىپ ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناش بازارنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئارتىسلار چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا مۇزىكا رىتىمىغا جور بولۇپ ئويۇن قويدى. كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغان پەيتتە، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن خۇشال كەيپىيات ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارقالدى، داقا-دۇمباق ئاۋازى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، تىيانشان رايونى «داپ چېلىپ ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناش»تىن ئىبارەت يېڭى يىللىق كوچا ئويۇنى پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. تىيانشان رايونى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى قويۇق خەلق ئۆرپ-ئادىتى، قىزغىن ھەمتۈرتكە بولۇش كەيپىياتى ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ئەڭ جانلىق تۈردە يېڭى يىللىق تىلەكلەرنى يەتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ خاسلىققا ئىگە بولغان يېڭى يىلغا كىرىش شەكلىگە ئايلاندى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

تېرە قونچاق ئويۇنىنى ھېس قىلىش
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق ياڭماۋخۇ مەھەللىسىدە، بالىلار تېرە قونچاق ئويۇنىنى ھېس قىلماقتا. شۇ كۈنى، بۇ مەھەللە بالىلارنى تەشكىللەپ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە تاڭرېن كەمپۈتى پۈۋلەپ، تېرە قونچاق ئويۇنىنى ھېس قىلىپ، رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

ياشانغانلار داشۆسىدە دەرس باشلاندى
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، نەچچە ياشانغان كىشى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر بازىرىدىكى ياشانغانلار داشۆسىدە ئافرىقا دۇمبىقى چېلىشنى ئۆگەنمەكتە. مەزكۇر ياشانغانلار داشۆسى مەيدان ئۇسسۇلى، شىنجاڭ ئۇسسۇلى، ئافرىقا دۇمبىقى، دېكلاماتسىيە قىلىش، خور ئېيتىش قاتارلىق كۆپ خىل خاسلىققا ئىگە دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، ئۇلارغا مەھەللىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، ياشانغانلارغا كېيىنكى ئۆمرىدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى ۋە خاتىرجەملىكنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

«قار-مۇز ماكانى ئالتاي» ناملىق پويىز يولغا چىقتى
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، پويىز ۋوگزالدىن ئاستا-ئاستا قوزغالدى، يولۇچىلار ئېكرانغا قاراپ قول پۇلاڭلاتتى. شۇ كۈنى سائەت 23تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قار-مۇزنى باش تېما قىلىپ يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو قار-مۇز ماكانى، مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقتى، 300دىن ئارتۇق يولۇچى پويىزغا ئولتۇرۇپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ، توققۇز سائەت 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى يىلنىڭ تاڭ نۇرىدا قار-مۇز ماكانى ئالتايغا يېتىپ باردى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاي يېڭى مۇساپىنى يورۇتتى
2026-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچقۇرۇن، دۆلىتىمىز بۇ يىلقى تۇنجى «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاي»نى كۈتۈۋالدى، لەنجوۋ-شىنجاڭ گاۋتيېسىنىڭ داۋانچىڭ بۆلىكىدە، تولۇن ئاي تىيانشان تېغىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئۇچقاندەك يۈرۈۋاتقان ئوق پويىز ھەم چۆگىلەپ تۇرغان چاقپەلەك، مۇنار چىرىغى بىلەن قوشۇلۇپ بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، شېئىرىي تۈسكە تولغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاي» ئاي شارىنىڭ يەر شارىنىڭ ئېللىپىس شەكىللىك ئوربىتىسىنى ئايلىنىش قانۇنىيىتىدىن كەلگەن، 2026-يىلى ئىككى قېتىم «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاي» كۆرۈنىدۇ، ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 24-كۈنى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






