«شىركەتكە كىرسەملا بېشىم ئاغرىيدۇ، ئىشتىن چۈشسەملا دەرھال ياخشى بولۇپ كېتىمەن».
«راستىنلا ئاغرىپ قالدىممۇ؟»
پايتەخت تېببىي داشۆسى شۈەنۋۇ دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ يۈنپېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ھورۇنلۇق قىلىشتىن ئەمەس، بەلكى كەيپىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەندىكى بىئاراملىق بولۇشى مۇمكىن.
نېمىشقا ئىشقا چىقسىلا باش ئاغرىيدۇ؟
بۇ چوڭ مېڭىدىكى «شەرتلىك رېفلېكس»نىڭ ئىنكاسى
ۋاڭ يۈنپېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاددىيلا «ھۇرۇنلۇق قىلىش» ئەمەس، بەلكى بىر خىل تىپىك بولغان، خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك بېسىم ياكى مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي ۋە روھىي ئىنكاس.
ئادەمدە مەلۇم مۇئەييەن سورۇندا چارچاش، جاپا تارتىش، ھارغىنلىق كەيپىياتى پەيدا بولسا، چوڭ مېڭىدىمۇ مۇناسىپ خاتىرە پەيدا بولىدۇ. گەرچە ئادەمنىڭ ئومۇمىي ھالىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئىشخانىغا كىرگەن ھامان، چوڭ مېڭە «خىزمەت = ھارغىنلىق» خاتىرىسىنى ئەسكە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن بەزى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ھورمۇن ئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم قان تومۇرلارنى تورمۇزلاپ باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەم بەدىنى بېسىمنى ھېس قىلغاندا، «تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە-مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز)-بۆرەك ئۈستى بېزى ئوقى» (HPA ئوقى)نى قوزغىتىپ، كورتىزول (بېسىم ھورمۇنى) ۋە ئادرېنالىن (肾上腺素) قويۇپ بېرىپ، «جەڭ قىلىش ياكى قېچىش» ھالىتىگە كىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى تەكرار يېنىك بېسىم مەنبەسى (مەسىلەن، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان خىزمەت مۇھىتى، يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىپە، كىشىلىك مۇناسىۋەت توقۇنۇشى) بۇ خىل سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمدى «كېسەل بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدى» دېمەڭ
بۇ بەدەننىڭ «ئارام ئېلىش كېرەك» دەپ ئەسكەرتىشىدۇر
ۋاڭ يۈنپېڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل «كۆرۈنۈشلەشكەن باش ئاغرىقى»، ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ سىزنى «ئارام ئېلىشىڭىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتكىنىدۇر. ئەگەر باش ئاغرىش، تەشۋىشلىنىش، ئىچى تىتىلداشتىن باشقا، يەنە يۈرەك ئالدى رايونى سىقىلىش، دېمى سىقىلىش، ئىچى سىقىلىش قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ ئارام ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچ ئەمەلىي ئۇسۇل «خىزمەت باش ئاغرىقى»نى پەسەيتىدۇ
1-ئۇسۇل
يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتىن ۋاقتىدا «قېچىش»: ئەگەر ئىش ئورنىدا باش ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا زورلاپ ئولتۇرماسلىق كېرەك! بۇنداق ئەھۋالدا ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە يېنىغا بېرىپ ھاۋا يەپ ياكى بىنادىن چۈشۈپ بەش مىنۇت مېڭىپ، چوڭ مېڭىنى خىزمەت مۇھىتىدىن ۋاقتىنچە ئايرىۋەتكەندە، كېسەللىك ئالامەتلىرى تېز سۈرئەتتە يېنىكلەيدۇ.
2-ئۇسۇل
بەدەنگە «ئوكسىگېن تولۇقلاش»: ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇيقۇنى تولۇقلىماي، باغچا، شەھەر سىرتى قاتارلىق تەبىئىي مۇھىتقا كۆپرەك بېرىش كېرەك. ساپ ھاۋا مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، قان تومۇرلارنىڭ تورمۇزلىنىپ قېلىشىنى پەسەيتىدۇ، بۇ خىل دالا پائالىيىتى بىر كۈن ئۇخلىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق.
3-ئۇسۇل
«پارچە-پۇرات ئارام ئېلىش»: ھەر بىر سائەت ئىشلىگەندە، كۆزنى يۇمۇپ بەش مىنۇت ئارام ئېلىش ياكى باش قىسمىنى سوزۇپ، چېكىسىنى ئۇۋۇلاپ، جىددىي ھالەتتىكى مۇسكۇللارنى بوشىتىش كېرەك.
بەزى باش ئاغرىشلارغا ھەرگىز زورلاپ چىداپ ئولتۇرماسلىق كېرەك!
باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ، تەخمىنەن 100 خىلدىن ئاشىدۇ. تېبابەتتە باش ئاغرىش كېسىلى چوڭ جەھەتتىن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى تۈردىكى باش ئاغرىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولۇپ، ئىككىلەمچى باش ئاغرىش، مەسىلەن، باش سۆڭىكى ئۆسمىسى، سەكتە، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، مېڭە تاشقى يارىسى ياكى كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، چىش كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش ئاغرىش. بۇ خىل باش ئاغرىش باشقا كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېسەللىك پەسەيگەندە، باش ئاغرىشمۇ مۇناسىپ ھالدا پەسىيىدۇ.
يەنە بىر تۈردىكى باش ئاغرىشنىڭ كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان تەقدىردىمۇ باش ئاغرىشقا مۇناسىۋەتلىك بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقاش ناھايىتى تەس. بۇ خىل باش ئاغرىش بىرلەمچى باش ئاغرىش دېيىلىدۇ، مەسىلەن، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، جىددىيلىشىش تىپىدىكى باش ئاغرىش، توپلىنىش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش قاتارلىقلار.
تۇرمۇشتىكى كۆپ ساندىكى باش ئاغرىشنىڭ ھەممىسى بىرلەمچى باش ئاغرىشقا تەۋە، لېكىن ئېغىر يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى ئەسكەرتىدىغان «خەتەرلىك سىگنال»لاردىن ھوشيار بولۇش كېرەك. تۆۋەندىكى ھەرقانداق بىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
1. تۇيۇقسىز باش پارتلاپ كېتىدىغاندەك ياكى چېقىلىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىسا، ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقى قاناش كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. باش ئاغرىشقا يېڭىدىن نېرۋا سىستېمىسى كەمتۈكلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى مەسىلەن، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيۇشۇش، گەپ-سۆزى ئېنىق بولماسلىق، نەرسىلەر سايىسى بىلەن كۆرۈنۈش، مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، تونۇشى تۆۋەنلەش، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، مېڭە سەكتىسى، ئۆسمە قاتارلىقلارنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
3. باش ئاغرىش داۋاملىق ئېغىرلاشسا، بىر نەچچە ھەپتىدىن بىر نەچچە ئايغىچە باش ئاغرىش قېتىم سانى ۋە سىجىللىقى داۋاملىق ئاشسا، بولۇپمۇ يۆتەلگەندە، كۈچىگەندە، نەپەس چىقارغاندا باش ئاغرىسا دەرھال تەكشۈرتۈش كېرەك.
4. 50 ياشتىن كېيىن يېڭىدىن باش ئاغرىش پەيدا بولسا ياكى باش ئاغرىشنىڭ خاراكتېرىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولسا دەرھال تەكشۈرتۈش كېرەك.
5. باش ئاغرىش پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى مەسىلەن، قىزىش، بويۇن قېتىپ قېلىش (مېڭە پەردە ياللۇغىدىن ھوشيار بولۇش)، ئەسۋە قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ كەلسە، بەلكىم ئۆسمە كېسەللىك تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈش كېرەك.
6. باش قىسمى زەخىملەنگەندىن كېيىن پەيدا بولغان باش ئاغرىش، بولۇپمۇ زەخىملەنگەندىن كېيىن ئېسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا ياكى باش ئاغرىش داۋاملىق ئېغىرلاشسا دەرھال تەكشۈرتۈش كېرەك.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






