تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىدا 19 كەسىپ ئىمتىھانى تەسىس قىلىندى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 2026-يىللىق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىدا تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى 19 كەسىپتىن ئىمتىھان ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۇرس كەسپى يەتتە، تولۇق كۇرس كەسپى 12 بولۇپ، 209 پەندىن ئىمتىھان ئېلىش پىلانلىنىۋېتىپتۇ.

  2026-يىلى 4-ئايدىكى ئىمتىھاندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كومپىيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى (مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش) كەسپىگە ئىمتىھان بېرىش باشلىنىدۇ، ئاساسلىق ئىمتىھان ئالىدىغان مەكتەپ شىنجاڭ سىفەن داشۆسى بولىدۇ. بۇ كەسىپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا بىرتۇتاش تىزىملىتىپ ئىمتىھان بېرىدۇ.

  «ئىنگلىز تىلى مەخسۇس كۇرس» ۋە «ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى تولۇق كۇرس» كەسىپلىرى 2025-يىلى 4-ئايدا ئىمتىھان ئېلىش توختىتىلغان كەسىپكە تەڭشەلگەن بولۇپ، يېڭى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى قوبۇل قىلىنمايدۇ، 2027-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ دەرسلىك ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، 2028-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى بېجىرىلمەيدۇ ۋە تارقىتىلمايدۇ. 2027-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن مۇناسىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالمىغان ئوقۇغۇچىلار باشقا كەسىپكە يۆتكىلىپ داۋاملىق ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2026-يىللىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىمتىھان ۋاقتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12دىن 6-كۈنى سائەت 18گىچە؛ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىمتىھان ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 12دىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 18گىچە بولىدۇ.

  ئىمتىھانغا تىزىملاتماقچى بولغانلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، تىزىملىتىش تەرتىپىنى تەكشۈرۈشى ھەم تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىدىغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمى ۋە تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ھەرقايسى كەسپىي دەرسلەرگە بىرلا ۋاقىتتا تىزىملاتسا بولىدۇ، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزۈش رەسمىيىتى مەخسۇس كۇرس ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىپ يېرىم يىلدىن كېيىن بېجىرىلىدۇ.

  ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ كېيىنكى ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، شۇنداقلا ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.