تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

2026-يىللىق بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش 1-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلاندى! مەشغۇلات كۆرسەتمىسى تۆۋەندىكىدەك

   ئاتا-ئانىلار دىققەت، 2026-يىللىق بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش 1-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي باشلاندى! ئومۇمەن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغۇچىلار جىفۇباۋ، ۋىيشىن سۇپىسىنىڭ «بالا بېقىش ياردەم پۇلى (育儿补贴)» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق، يەنە بوۋاقلار، بالىلارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مەخسۇس رايونىدا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

  يېڭى بىر يىلدا بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، بۇلتۇرقى ئاساسىي ئىقتىدارغا داۋاملىق ئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 2025-يىلى بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بولغان ھەم يېڭى بىر يىلدا داۋاملىق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغۇچىلار داۋاملىق ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ.

   ئەگەر ئۇچۇردا ئۆزگىرىش بولمىسا، بىۋاسىتە بىر كۇنۇپكا بىلەن داۋاملىق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مەشغۇلاتى قىلىپ، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇچۇردا ئۆزگىرىش بولسا، پەقەت ئۆزگەرتىشنى چەكسىلا سىستېما بىرىنچى قېتىملىق ئىلتىماس ئۇچۇرىغا ئاپتوماتىك كىرىدۇ، ئىلتىماس قىلىپ ئالغۇچى پەقەت ئۆزگىرىش بولغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئاندىن تاپشۇرسىلا بولىدۇ.

   ئەگەر بوۋاقلار، بالىلار ئۈچۈن بۇ يىل تۇنجى قېتىم بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالماقچى بولسا، ئالاقىدار كىنىشكا ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن تەييارلاپ، ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىمەن دېگەن جاينى چېكىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۈتسە بولىدۇ.

  سۈرەت يەشمىسى:

  بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە تارقىتىش

    ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش 

   بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بەلگىلىمە بويىچە بوۋاقلار، بالىلارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا ئىلتىماس قىلىپ ئالىدۇ.

    ئىلتىماس قىلپ ئالغۇچى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم تەمىنلىگەن ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە ۋەدە بېرىدۇ.

   ئىلتىماس قىلىپ ئالغۇچى ئاساسلىقى بالا بېقىش ياردەم پۇلى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق توردا ئىلتىماس قىلسىمۇ، تور سىرتىدا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

  تارقىتىش

    تارقىتىش يولى بولسا ئىلتىماس قىلىپ ئالغۇچى ياكى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ بانكا كارتىسى ۋە ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ھېساباتى بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم پۇلى مەبلىغى «ھەممىباب كارتىسى» ياكى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  بالا بېقىش ياردەم پۇلىغا ئالاقىدار قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار؟

  1. بالا بېقىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىلغان بالا بېقىش ياردەم پۇلىدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  2. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتكەندە، بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئائىلە ياكى شەخس كىرىمىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

«خەلق گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.