تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چوڭقۇر قۇدۇقتىن ئادەم قۇتقۇزغان ئايال ياردەمچى ساقچى بۇپاتەم: داۋاملىق تىرىشىپ، خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى بولىمەن

مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

   2025-يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى تور ئەھلىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەرنىڭ بىرى، ئېنىقكى لوپ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ھاڭگىيا ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى بۇپاتەم ئابدۇقادىر.

   2025-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 10دىن 45 مىنۇتلار ئۆتكەندە، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى لەڭگەر ئېرىق كەنتىدىكى ئىككى ياشلىق بىر قىزچاق ئېھتىياتسىزلىقتىن 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تاشلاندۇق قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى، قۇدۇق ئېغىزىنىڭ دىيامېتىرى ئارانلا 40 سانتىمېتىر كېلەتتى، خەتەرلىك پەيتتە، بويى 1.55 مېتىر، ئېغىرلىقى ئاران 40 كىلوگىرام كېلىدىغان بۇپاتەم چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. «بالا قانداقراق؟» لاي ئادەمگە ئايلانغان بۇپاتەم ھەمراھلىرى تەرىپىدىن قۇدۇق ئېغىزىدىن تارتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ماغدۇرسىز ھالدا ئارانلا شۇنى سورىيالىدى، بالىنىڭ ئامان-ئېسەن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

2025-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، لوپ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ھاڭگىيا ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى بۇپاتەم ئابدۇقادىر قىزچاقنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، ماغدۇرسىز ھالدا قۇدۇق بويىدا ئولتۇرۇپ سۇ ئىچمەكتە. لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

   سىن توردا تارقىلىپ، «2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال ياردەمچى ساقچى 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقتىن قىز بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى» دېگەن تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، كۆرۈلۈش مىقدارى 300 مىليوندىن ئاشتى. بۇپاتەم 2025-يىللىق «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»گە كىرىپ، دەرىجە ئاتلىتىپ 7ـ دەرىجىلىك ياردەمچى ساقچىدىن 5-دەرىجىلىك ياردەمچى ساقچى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى. تورداشلار: «بۇ ساقچى قىزنىڭ كۆتۈرگىنى ھاياتلىق ئۈمىدى.» «ھاياتى ئارقىلىق ساقچى روھىنى نامايان قىلدى!» دەپ سۆز قالدۇرۇشتى. 2025-يىلى 10-ئايدا، يەنە بىر قېتىم خۇش خەۋەر تارقالدى: بۇپاتەم شەرەپ بىلەن 2025-يىللىق 2 -، 3 - پەسىلدە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىگە كىردى، ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ باھالاندى.

   ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن شان-شەرەپلەر ئالدىدا، بۇپاتەم ناھايىتى خۇشال بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «بۇ ساقچى فورمىسىنى كىيگەن ئىكەنمەن، ئادەم قۇتقۇزۇش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، مەن خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى بولىمەن» زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ پاتەم دائىم شۇنداق دەيدۇ.

بۇپاتەم ئابدۇقادىر تەقدىرلەنگەن چاغدىكى رەسىم. لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

   چېچىنى ئەپچىل ئېگىز بوغۇۋالغان، خەلق ئەھۋالى خاتىرىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بۇپاتەم 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ھاڭگىيا بازىرىدىكى كوچا-كويلارغا چوڭقۇر چۆكتى. تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى سوراش، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلاش ... ھەر بىر ئائىلىگە بارغاندا، بۇپاتەم دائىم: «ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ، قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ» دەپ تاپىلايتتى.

   2026-يىللىق ئارزۇسى تىلغا ئېلىنغاندا، بۇپاتەم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى «مەن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!» دېگەن سۆزنى ئېسىگە ئالدى. «مېنىڭ ئارزۇيۇم ئەتراپىمدىكى ھەر بىر يۇرتداشنى ياخشى قوغداش» دېدى بۇپاتەم، ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى ساقچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.