تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى گۈزەل دەقىقىلەر . ۋاقىتنىڭ گۇۋاھچىلىرى | خۇا يەنمىڭ: 40 يېشىمدا يۇرتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيمەن

    فوتوگرافنىڭ كامېراسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي-شىمالىغا توغرىلانغاندا، گۈزەل دەقىقىلەر ۋاقىت ئىزنالىرىغا ئويۇلغاندا، شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق ئۇلۇغۋار مۇساپىسى پارچە-پارچە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئاستا-ئاستا نامايان بولدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە، نەچچە يۈز نەپەر فوتوگراف تەمىنلىگەن مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۆرۈش زىياپىتى ئېلىپ كەلدى. كۆرگەزمىدىن باشقا، يەنە كۆرگەزمىگە تاللانمىغان زور بىر تۈركۈم نادىر سۈرەتلەر خۇددى ۋاقىتنىڭ پارچىلىرىدەك، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئوخشاشلا كەم بولسا بولمايدىغان ئىزاھات ۋە دەۋر ئىزناسىدۇر.

    بىز فوتوگرافنى بىرلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلىرىنى بايان قىلىمىز.

گۈزەل دەقىقىلەر ئۆچمەيدۇ، ھېكايىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

​بۇ ساندا فوتوگراف خۇا يەنمىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ لياڭفەنچاڭ كۆكتات بازىسىدا، كۆكتاتچى دېھقانلار ئەگمە شەكىللىك كۆكتات پارنىكىدا شوخلا ئۈزمەكتە.

2021-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىبە قەدىمىي شەھىرىدە بىر مەيدان ئېسىل خەلق ئۆرپ-ئادىتى ھۈنەر-سەنئىتى−تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى ئوينالدى.

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىبە قەدىمىي شەھىرىدە «قۇت يولۋاس يىلىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش . باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش» تېمىسىدا باھار بايرىمىنىڭ 15-كۈنىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، شۇ جايدىكى ئامما بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چوڭ بۇغرا بازىرى كىچىك بۇغرا كەنتىدىكى قىزىل پۇرچاق ئوتى ئۆستۈرۈش بازىسىدا، يازلىق يىغىم مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى چارۋىچىلارنىڭ قىزىل پۇرچاق ئوتىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەملەشمەكتە.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى نەسىللىك قوي فېرمىسى بايىن كەنتىنىڭ قۇدۇق سۈيى ئارقىلىق سۇغىرىش رايونىدا، كەنت ئاھالىلىرى تاۋۇزلارنى قاچىلاپ توشۇماقتا.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئايشىن سىرى بازىرى نادان ماڭقان كەنتىدىكى كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىقىدا، چوڭ تىپتىكى بۇغدي ئورۇش ماشىنىلىرى توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مىلەڭچۈەن خۇيزۇ يېزىسى مىلەڭچۈەن كەنتىدىكى دېھقانلار ئۈزۈم ئۈزمەكتە.

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئايشىن سىرى بازىرى ئۇجۇ نېرۇ كەنتىدىكى دېھقانلار بېلىق كۆلچىكىدە ئېكولوگىيە بېلىقى تۇتماقتا.

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى ئۇزۇنبۇلاق كەنتى مەھەللىسىدە، چارۋىچىلار قويلارنى باقمىچىلىق رايونىغا ھەيدەپ ماڭماقتا.

2024-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى ئەندىڭ كەنتىدە، شال ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار شاللىقتا مايسا تىكمەكتە.

2024-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چوڭ بۇغرا بازىرى چوڭ بۇغرا كەنتىدىكى خېگۇ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قىزىلچا تېرىش بازىسىدا، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېتىزلىقتا قىزىلچا يىغىپ، ئۇنى شېكەر زاۋۇتىغا توشۇماقتا.

2025-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قاينۇق بازىرى چوڭبۇلاق كەنتىدىكى 1000 مو دەرەخ شېخىدا قۇرۇتۇلغان ئۆرۈكلۈك باغدا، دېھقانلار مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناداچى نېرۇ يېزىسى ناداچى نېرۇ كەنتىدىكى شاللىقتا، شال ئارقىلىق سىزىلغان رەسىملەرنى تاماشا قىلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى.

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناداچى نېرۇ يېزىسى ناداچى نېرۇ كەنتىدىكى «شاللىققا چۈشكەن نۇر» ناملىق شاللىق مەنزىرە رايونىدا، كېچىدىكى چىراغ نۇرى ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، «يۈگۈرۈڭلار، ئۆسمۈرلەر» تېمىسىدىكى 2025-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكەت مەكتىپىدە باشلاندى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 10 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن 267 ئوقيا ئېتىش ماھىرى «جۇڭگودىكى ئوقيا يۇرتى»دا يىغىلىپ، ياشلىق سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى جاكۇچى نېرۇ يېزىسىنىڭ كەيفادى كەنتى مەھەللىسىدىكى چېنفەن كىچىك بازىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (2023-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.