مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نىسبېك
1-ئاينىڭ 3-كۈنى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىي چالغۇلار قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا مۇزىكا ساداسى ئۈزۈلمىدى. دېھقان مامۇت راخمان قولىدىكى ئۈجمە ياغىچىنى كۆڭۈل قويۇپ سىلىقلىغىنىچە: «بۇ 50 راۋاپ زاكازىنىڭ يېرىمى تاماملاندى، يېڭى زاكاز يەنە رەتكە تىزىلدى» دېدى ئۇ جاراڭلىق ئاۋازدا كۈلگىنىچە، قول ھەرىكىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.
تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىنىڭ «جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى» دېگەن نامى بار، ئۇ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداشتىكى ئۈلگە بازىسى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 27 چوڭ تۈردىكى 50 نەچچە خىل ئەنئەنىۋى چالغۇ بۇ يەردە پۈتۈپ چىقىدۇ.
2026-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، كەنت ئاھالىسى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىي چالغۇلار قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا چالغۇ سىلىقلىماقتا. مىرئادىلجان مەمەتتۇرسۇن فوتوسى
رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي قىزغىنلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى» دېدى، بۇ ھەقتە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غوپۇر روزى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى مەدىتىدە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى 42 مىليون 230 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، خەلق ئۆرپ-ئادەت كوچىسى، ئائىلىۋى قونالغۇ كوچىسى، مەززىلىك تائاملار كوچىسى قاتارلىق كوچا رايونلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
2025-يىل 5-ئايدا، يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن «مىللىي چالغۇلار كەنتى» نامايان بولۇپ، ساياھەتچىلەر خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان ئاۋات داكا جايغا ئايلاندى. «كەنت ئاھالىلىرى ئائلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ ئىگىسىگە، ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيەت تاۋارلىرىغا ئايلاندى، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر كەنت ئاھالىلىرى ئويۇن قويۇش ئەترىتىگە قوشۇلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ بازىرى ئېچىلدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى تاپتى» دېدى غوپۇر.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى شەھەر ئەتراپى كەنتى بولۇپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە بازىرىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، كەنتنىڭ سۇ، پار، يېقىلغۇ گاز بىلەن تەمىنلەش، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى سىجىل ياخشىلاندى، ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى ناھىيە بازىرىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات پۇرسىتى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، شۇنداقلا كەنتنىڭ ئۆز ئالدىغا چالغۇ ماركىسى يارىتىش ئويىنى پەيدا بولدى. «نۆۋەتتە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يەنىلا يېرىم تەييار چالغۇ ياساشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ كىرىم نەپىس تەييار چالغۇ ياساش كىرىمىدەك يۇقىرى ئەمەس، بىز بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەكچى» دېدى غوپۇر: بۇ يىل كەنتتىكى 100دىن ئارتۇق ئائىلىۋى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىق بويىچە ئىش تەقسىملەپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى شەكىللەندۈرۈپ، ياساشتىن سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك سىستېما بەرپا قىلىشنى پىلانلىدۇق.






