تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەڭ ئاخىرقى دەرستە، مۇئەللىم «ھېچنېمە ئۆگەتمىدى»، ئەمما بالىلار ئۇنى ئورىۋېلىپ يىغلاپ كەتتى ...

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

   «ئوبدان ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۈندە خۇشال يۈرۈشۈڭلارنى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى فاڭ جىشياڭ ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، فاڭ جىشياڭنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشى ئاخىرلاشتى. خوشلىشىش پەيتىدە، بالىلار ئۇنى قاتمۇقات ئورىۋالدى، بالىلارنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى.

   سىنىپتا ئۇ ھەر بىر بالىغا پەس ئاۋازدا تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ كۆز چاناقلىرىمۇ قىزىرىپ كەتتى. ھېچكىمنىڭ «خوش» دېگۈسى كەلمەيتتى، ئەمما خوشلاشمايمۇ ئامالى يوق ئىدى! بارلىق تىلەكلەر «ئوبدان ئۆسۈپ يېتىلىڭلار» دېگەن سۆزگە يوشۇرۇنغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.