تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چۆللۈكتىن ئاقىل پارنىكلار «ئۆسۈپ» چىقتى  لوپنۇردا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى

كېلىش مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

2025-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا سۈرەتكە تارتىلغان لوپنۇر ناھىيەسى چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش. بۇ كەسىپلەر رايونى تۈرىدە 2800 ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈن نۇرى پارنىكى قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، توشۇش، ئۇرۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مايسا يېتىشتۈرۈش، ئورگانىك ئوغۇت پىششىقلاش قاتارلىق فۇنكىسىيەلىك بۆلەكلەر يانداشتۇرۇلۇپ، ئايلانما يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئۇزارتىلىدۇ. نۆۋەتتە، 1-قارارلىق 240 ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈن نۇرى پارنىكى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، 91 پارنىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، شوخلا، لازا، مېۋە لوبۇ، بېيبېي كاۋىسى، تاۋۇز قاتارلىق 40 نەچچە خىل مېۋە-كۆكتات سىناق تەرىقىسىدە تېرىلدى. بۇ تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن، 3500دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يىللىق مېۋە-كۆكتات ھوسۇلى 140 مىڭ توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 980 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. (مۇخبىر خەن لياڭ)

دېھقانلار لازا ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش.

دېھقانلار يېڭىلا ئۈزگەن شوخلىلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

خىزمەتچى خادىملار سۇ-ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق مېۋە-كۆكتاتلارنى ئوغۇتلىماقتا.

ساياھەتچى كۈن نۇرى پارنىكىدىكى تاۋۇزنى سۈرەتكە تارتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.