مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىي شۆيۈەن)نىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى يەن شياڭدۇڭ تۆت يىللىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەنتتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۇزىتىش ئەترىتى بولۇپ كېلىپ، يەن شۇجى بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. ئۇلار گۈل ۋە لەۋھە تەقدىم قىلىپ، قايتا-قايتا يەن شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، بىردىن-بىردىن كېلىپ قۇچاقلاپ، ئاشۇ كۈنلەردە ئورناتقان چوڭقۇر، ئۈزۈلمەس رىشتىنى قايتا ئەسلەشتى. ئۇزاتقىلى چىققان كىشىلەر توپىغا قاراپ، يەن شياڭدۇڭنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش ئەگىدى، ئۇ يۇرتداشلارغا ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: كونا شەھەر ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لى تىڭ)






