شىنجاڭ داشۆ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ مۇھىم تۈر تەتقىقات تېمىسى بويىچە تەستىققا ئېرىشتى
1-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ داشۆدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىللىق دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ مۇھىم تۈر بويىچە باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ داشۆ ئىلتىماس قىلغان «ئاپەت فىزىكىلىق مودېلىنى ئاساس قىلىپ ھاسىل قىلغان سانلىق مەلۇمات ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشقا دائىر سانلىق مەلۇمات توپلىمى قۇرۇلۇشى» تەستىققا ئېرىشكەن. بۇ، شىنجاڭ داشۆنىڭ بۇ تۈردىكى تەتقىقات تېمىسى تەستىقىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشىشى بولۇپ، مەكتەپنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتىدە يەنە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
بۇ تەتقىقات تېمىسى دۆلەتنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، دىققەتنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاپەت سانلىق مەلۇماتىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئىشەنچلىكلىكى ۋە مۆلچەرلىنىشچانلىقى جەھەتتە ساقلانغان بوغما ھالەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپەت فىزىكىلىق مېخانىزمىنى ئاساس قىلىپ ھاسىل قىلغان سانلىق مەلۇمات بىلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشقا دائىر سانلىق مەلۇمات توپى قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ. قاتلام، تۈر ۋە دەرىجىگە ئايرىپ، مۇكەممەل كۆزىتىش ئارقىلىق ئاپەت سانلىق مەلۇمات توپى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ ھەم ئورمان ئوت ئاپىتى، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق تىپىك كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاپەت سانلىق مەلۇمات توپى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپەت توغرىسىدا دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىشى ۋە جىددىي ئىشلارغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈشىنى پۇختا بولغان سانلىق مەلۇمات ئاساسى تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ تەشكىللىك پەن تەتقىقات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، رەقەملىك ئىدارە قىلىش ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پەن تەتقىقات ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرى ۋەزىپىسىنى كۆپ قېتىم زىممىسىگە ئالدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. بۇ قېتىم مۇھىم تۈر تەتقىقات تېمىسىنىڭ تەستىققا ئېرىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى ۋە سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلى ئاساسىي نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ داشۆنىڭ ئالاقىدار پەنلەر بويىچە «قوش 1-دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ» قۇرۇلۇشى، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن تەتقىقات بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






