تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2025 -يىلى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى! شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ℃0.5 يۇقىرى بولدى

   يېقىندا، دۆلەت كىلىمات مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃11.0قا يېتىپ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، بۇ ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيان بىزنىڭ ھاۋا ئەڭ ئىللىق بولغان بىر يىلنى ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.

  2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃11.0 بولغان، بۇ ئادەتتىكى يىللاردىكى (℃9.9)دىن 1.1 يۇقىرى بولۇپ، 2024-يىلىدىكى 10.9لۇق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەم يەنە بىر قېتىم 1961-يىلىدىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 0.5 يۇقىرى بولغان، شىنجاڭ، لياۋنىڭ، خېبېي، جياڭشى، خۇبېي، شەندۇڭ، تيەنجىن، شىزاڭ، خۇنەن، خېنەن، جىلىن، شاڭخەي، شەنشى، ئەنخۇي، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردەك 1961-يىلىدىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.

   ھاۋا راستىنلا بارغانسېرى ئىللىۋاتامدۇ؟ ئىلگىرىكى يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلاشتىن بايقىلىشىچە، كىلىمات ئىللىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشى ناھايىتى روشەن بولغان، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ھاۋانىڭ ئىللىشىدا سۈرئەت تېزلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدا ھەر يىلى رېكورت يېڭىلىنىپ، «ھاۋا ئەڭ ئىللىق يىل» بولۇش رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلانغان.

   2025-يىلى ھاۋانىڭ ئىللىشىنىڭ ياز ۋە كۈز پەسلىدىكى ئىپادىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان، جەنۇبتىكى رايونلاردا ھاۋا ئىسسىپ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا كۆرۈلگەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2025-يىلى ئەڭ «ئىسسىق» بولغان شەھەرلەر تىزىملىكىدە، جەنۇبتىكى شەھەرلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچىيىپ، شىمالغا يۈزلىنىپ، ئۇزاق ۋاقىت چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو، جىنخۇا، نەنچاڭ، فۇجوۋ، خاڭجوۋ، شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەتتا شۇ جايدا يىللىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۈن سانى ئەڭ كۆپ بولۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

  بۇلتۇر ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن «كۈزدىكى تىنجىق» ھاۋامۇ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەنۇب تەرەپتە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشقان، فۇجوۋ، نەنچاڭ، خاڭجوۋ، شاڭخەي، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا ھەتتا ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىنى يېڭىلىغان.

  جەنۇپ تەرەپتىلا ئەمەس، شىمال تەرەپتىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ كۆرۈلۈشى ئوخشاشلا گەۋدىلىك  بولغان. بۇلتۇر جېڭجوۋدا شۇ جاينىڭ يىللىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۈن سانىدا يېڭى رېكورت  يارىتىلغان، شىئەندە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 42.3 بولۇپ، ئۆلكە مەركىزى، مەركىزىي شەھەر، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتى يارىتىلغان.

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.