تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يىراقتىكى تۇغقانلار جەم بولدى، ھەممە ئائىلە شادلىققا چۆمدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن يېزا - كەنت بازارلىرىدىن شىمالىي شىنجاڭدىكى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان مەھەللە، كوچىلارغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەنت ئاھالىلىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار، ھەر مىللەت قوشنىلار بىلەن كۆپ خىل شەكىلدە يېڭى يىلنى بىللە كۈتۈۋېلىپ، دوستلۇق مېھرىنى ئىزھار قىلىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تەك ئىللىق دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جاي يېڭى يىل شادلىقى ۋە ئىللىقلىققا چۆمدى.

1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسى شولاق كەنتىدە خۇشال كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مۇڭداشتى، كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە ماھارىتىنى نامايان قىلدى، گۈزەل، يېقىملىق ناخشىلار ۋە قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇسسۇللار قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. كەنت ئاھالىسى يارمەمەت ئانايەت مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك يېڭى يىلنى بىللە ئۆتكۈزۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق، خىزمەت ئەترىتى يەنە بىزگە سوغۇقتىن ساقلاش پاختىلىق كىيىمى ۋە ئائىلىدە جىددىي ئىشلىتىدىغان ئوت ئۆچۈرگۈچ سوۋغا قىلدى، مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم.» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى چېن چۇنلى مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر يىلدا بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز».

تۇغقانلار جەم بولسا، قېرىنداشلىق مېھرى قويۇقلىشىدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قوشماقلاشقان تۇغقانلار يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا يوقلىشىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتتى.

1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك بېيتىڭ بايراملىق مال يەرمەنكىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. شىندى يېزىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ يۈيەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى قاسىرا زۇلكاپىل بىلەن بىللە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يايمىلار ئارىسىدا ئايلىنىپ ئويۇن كۆردى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، بايراملىق مال تاللىدى. «تۇغقىنىم بىلەن بىللە بايراملىق مال يەرمەنكىسىنى ئايلىنىپ بەك خۇشال بولدۇم، يېڭى بىر يىلدا بىز بىرلىكتە تىرىشىپ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز» دېدى قاسىرا كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئىللىقلىق قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ قەلبىگە مۇجەسسەملىنىپلا قالماي، يەنە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كوللېكتىپ پائالىيەت نەق مەيدانىدىمۇ نامايان بولدى. يېڭى يىل ھارپىسىدا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى يۇقارقى بالداڭ كەنتى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېھىر - مۇھەببىتىدىن مىننەتدار بولۇش . بىر مەقسەتتە ئورتاق تەرەققىي قىلىش» ھەم «يېڭى يىلنى تەبرىكلەش، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كەنت ئاھالىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار قاتارلىقلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ نومۇرلارنى كۆردى، ئويۇن ئوينىدى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە پاراڭلاشتى. كەنت ئاھالىسى مېھرىگۈل موللىتۇردى «مىننەتدار قەلب» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلاشقا قاتناشتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار مەدەنىيەت زالىنى ئۆزگەرتىشىمىزگە، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسىشىمىزغا ياردەملەشتى، كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».

«باش شۇجى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە: <كۆپچىلىك كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەجىر سىڭدۈرۈپ تۆھپە قوشۇپ، گۈللەپ ياشنىغان جۇڭگونى بارلىققا كەلتۈردى. مەن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!> دېدى، بۇنىڭدىن قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى.» 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە كوچا باشقارمىسى رەستە مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيى ئىللىقلىققا تولدى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر چۆرىدىشىپ يېقىن ئولتۇرۇپ، يېڭى يىللىق تەبرىك سۆز توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، خۇشال مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، بۇ مەھەللىدە نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل ئاھالە بارلىققا كېلىپ، مەھەللە پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلغۇچى، خەلق ئەھۋالىنى توپلىغۇچى، زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلغۇچى، مەدەنىيلىكنى تەشۋىق قىلغۇچى بولدى. «بۇ ئاھالىلەر مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلاردىن قاتناشقۇچىلارغا ئايلىنىپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ھارارەتكە تولدۇردى» دېدى رەستە مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوچياڭ.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسىنىڭ يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، خور ئۆمىكى ئېيتقان «خۇشال ئۇسسۇلغا چۈشەيلى» ناملىق ناخشا شۇ ھامان نەق مەيدان كەيپىياتىنى جانلاندۇردى. ئېسىل نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلاندى، مەھەللە ئاھالىلىرى پات - پات يان تېلېفونى ئارقىلىق گۈزەل دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى. 100 ئائىلە زىياپىتى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدى، داپەنجى، پولۇ، سامسا قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئاھالىلەر ئۆزلىرى ئوخشىتىپ ئېتىدىغان قورۇمىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، مۇڭداشتى، قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۇق، بەك خۇشال بولدۇق» دېدى ئاھالە رەيھانگۈل ئابلىز.

يېڭى يىلدا يېڭى مۇساپە باشلاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىرلىكتە ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا، بەخت ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى، يۈ شى، جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋۇ شۈچىڭ، ياڭ تيەنۋېن، جاڭ يۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.