شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لۇ شىڭجى خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، 2026-2025-يىللىق قار پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆپلىگەن قار تېيىلىش تۈرلىرى بويىچە مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئادەم سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

بىر ياش-ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچى مەملىكەتلىك ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
سۈرەتنى خۇاتى بىڭشۆ شىركىتى تەمىنلىگەن
ئالاقىدار مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا جىلىن بېيداخۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك يەككە تاختىدا قار تېيىلىش پاراللېل تۈرى بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە سۇڭخۇاخۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 500گە يېقىنلاشقان؛ خېبېي چۇڭلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئەركىن قار تېيىلىش ۋە يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بويىچە چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ئەركىن قار تېيىلىش ۋە يەككە تاختىدا قار تېيىلىشتا يانتۇلۇقتىكى توسالغۇدىن ماھارەت كۆرسىتىپ ئۆتۈش ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە 100گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. يۇقىرىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان ئادەم سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەتلىك دالىدا قار تېيىلىش U يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئادەم سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش تۈردىكى مۇسابىقىلەرگە قارىغاندا كۆپەيگەن.

بىر ياش-ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچى مەملىكەتلىك ئەركىن قار تېيىلىش ۋە يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بويىچە چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
سۈرەتنى يۈندىڭ قار تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنىڭ پاراللېل تۈرى، دالىدا قار تېيىلىش، ئەركىن قار تېيىلىش ۋە يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنىڭ يانتۇلۇقتىكى توسالغۇدىن ماھارەت كۆرسىتىپ ئۆتۈش ۋە چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش تۈرى جەھەتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىلىرىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئېھتىياجى داۋاملىق ئاشقان.
شۇڭا، بۇ مەركەز بۇ قار پەسلىدە تۇنجى قېتىم بۇ يۇقىرى ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە قارىتا كۆپ بېكەت قېتىم، كۆپ ياش باسقۇچىدىكى U يۈرۈشلۈك مۇسابىقىلىرىنى تەسىس قىلىپ، قار تېيىلىش تۈرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، مۇنەۋۋەر زاپاس ئىختىساسلىقلارنى قېزىپ چىقتى.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






