تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

1300 نەپەر پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى گۇچۇڭ جامبۇلاققا يىغىلىپ مۇزلۇق دالىدا مۇسابىقىلەشتى

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1300دىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا جەم بولدى.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت تەنتەربىيەسى ۋە مۇسابىقە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «قىشتا تىيانشاننى ساياھەت قىلىش، قەدىمىي يولنىڭ سىرىنى تەكشۈرۈش» 2025-يىللىق 2-نۆۋەتلىك جامبۇلاق مۇزلۇق دالىدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1300دىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى گۇچۇڭغا يىغىلىپ، چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قار-مۇز بىلەن تەنھەرىكەتنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى بىرلىكتە ھېس قىلدى.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى مۇسابىقە يولىدا ماڭماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىچىك ماھىرلار جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى مۇسابىقە يولىدا ماڭماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى مۇسابىقە يولىدا ماڭماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى مۇسابىقە يولىنى بويلاپ ماڭماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.