□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى شىنخې ئالاھىدە ياشلار پىشۇرۇقخانىسىنىڭ پىشۇرۇش ئۆيىدە، 24 ياشلىق شياۋ جاۋ ئىشلەتكەن ئەسۋابلارنى ئەپچىللىك بىلەن بىر - بىرلەپ يۇيۇپ ئورنىغا قويدى. «تازىلاش، ماتېرىيال تەييارلاشنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.» ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى جىلۋىلەندى، «مەن يەنە مائاشىمدىن چىقىم قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرگە پىشۇرۇقخانىمىزنىڭ پىشۇرۇقلىرىنى سېتىۋالىمەن!»
بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئىلگىرى شياۋ جاۋنىڭ ئانىسى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، شياۋ جاۋ ھەتتا باشقىلار بىلەن نورمال ئارىلىشىپ ئۆتەلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پىشۇرۇقخانىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى، يەنە تېخى چېۋەرلىك بىلەن پىشۇرۇق ئۇستىسىغا ياردەملىشەلەيدىغان بولدى.
شىنخې ئالاھىدە ياشلار پىشۇرۇقخانىسىدا، ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ھەربىر ياشنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئۆزگىرىش ئالما يۇيۇش، چۈچى پىرەنىكىنى ئوراپ قاچىلاشقا ئوخشاش كىچىككىنە ئىشلاردا ئۆزىگە تايىنىشتىن باشلانغان.
شياۋ يۈ ئىلگىرى سۆزلەرنى قوشۇپ راۋان جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلىيەلمەيتتى. شىنخې ئالاھىدە ياشلار پىشۇرۇقخانىسىدا ئۇ خېرىدارلاردىن پۇل ئېلىشنى، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇنىڭ نەزەر - دائىرىسى كېڭەيدى، ھەتتا بەخت ئېلىپ كەلگەن بىئارامچىلىقتىن «ئاغرىنىپ»مۇ قويىدۇ: «ھەپتە ئاخىرىدا ھېچ يەرگە بارالمايمەن، بوۋام - مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك ئىدى. بوۋام دائىم يېرىم كېچىگىچە تېلېۋىزور كۆرىدۇ، گەپ قىلساق ئاڭلىمايدۇ».
پۈتۈن جەريانلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشتىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئەمگەكچىگە ئايلىنىشقىچە، يەنە ئائىلىسىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇشقىچە، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياشلاردىكى بۇ ئۆزگىرىش مېھىر - مۇھەببەت تارقىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.
شىنخې ئالاھىدە ياشلار پىشۇرۇقخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى لى شيۇچىن چوڭراق ياشتىكى ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان نۇرغۇن ياشنىڭ ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي، بارا - بارا ئۆيىگە بېكىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بۇ ياشلار ئۈچۈن جەمئىيەتكە تۇتىشىدىغان بىر كۆۋرۈك ھازىرلاپ بېرىش ئويى تېخىمۇ كۈچەيدى.
2017 - يىلى، شىنخې ئالاھىدە ياشلار ئائىلىسى تۈرى قوزغىتىلدى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياشلار ئىككى يىللىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەندى ھەم تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئۇلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن خاتىرجەم چىقىشىغا ياردەم بېرىلدى.
بىر بالىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر ئائىلىنى كۆرۈنمەس بېسىم ئىچىدىن ئىللىقلىق بىلەن تارتىپ چىقالايدۇ.
شياۋيۈنىڭ دادىسى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بالامنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەھمەت دېگەنلىكىنى، ئون نەچچە خىل قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ھەمبەھرىلەشنى خالايدىغان بولغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، بارلىق غەم - ئەندىشىلىرىم خۇشاللىققا ۋە خاتىرجەملىككە ئايلاندى.
شىنخې ئالاھىدە ياشلار پىشۇرۇقخانىسى ھەرگىزمۇ يېگانە ئارال ئەمەس. قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يار - يۆلەك بولۇشىغا ۋە نۇرغۇن مېھرىبان زاتلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. بېزەش باشلانغاندا، بەزىلەر يېپيېڭى تۆت ئىشىك سوۋغا قىلدى؛ ئادەتتىكى كۈنلەردە، ياش پىدائىيلار قەرەللىك كېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياشلارغا سەۋرچانلىق بىلەن ھەمراھ بولدى؛ مېھىر - شەپقەت كارخانىلىرى دائىم يار - يۆلەك بولۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ تۇردى.
تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى شۇكى، بۇ خىل قوللاش بىر خىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان «ئۆزئارا ياردەم بېرىش» ئېكولوگىيەسىگە ئايلاندى. پىشۇرۇقخانا «بىر تورت، كۆپ خىل تىلەك» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرىنى يولغا قويدى، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياشلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ھەمكارلىشىپ تۇغۇلغان كۈن تورتى پىشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1 - دەرىجىلىك ياكى 2 - دەرىجىلىك مېيىپ كىشىلەرگە ھەقسىز سوۋغا قىلدى.
مۇھەببەت چېگراسى يەنە ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. پىشۇرۇقخانىدىن چىققان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياشلار بانكىلارغا بېرىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگەندى، مەكتەپلەرگە بېرىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. «پىشۇرۇقخانا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، 21 نەپەر ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياش يەتتە نەپەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، جەمئىيەت بىلەن بولغان تولۇق يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى لى شيۇچىن.
«بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئۇلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئىشەنچىگە ئىگە قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى قىممىتى بار ئادەمگە ئايلاندۇرۇش.» لى شيۇچىن مۇنداق دېدى: «پىشۇرۇقخانىدىكى ھەربىر كۈنلۈك تۇرمۇشتىن مېھىر - مۇھەببەتنىڭ تارىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ، يار - يۆلەك بولۇشقا ئېرىشىۋاتقان شەخسلەردىن باشلىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتكە سىڭىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ».






