تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

شىنجاڭنى تىنچ - مۇقىم قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

قانۇنچىللىق تۇتقا قىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامى مۇستەھكەملەندى؛ خەلق تۇرمۇشى ئاساس قىلىنىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مەنبەدىن تۈگىتىشنىڭ خەلق رايى ئاساسى پۇختىلاندى؛ تەرەققىيات مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۇرغۇتۇلدى... بۈگۈنكى شىنجاڭ تىنچ - ئىتتىپاق بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەيۋەت بىلەن نامايان بولدى.

2025 - يىلى، شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «چېگرا رايون مۇقىم بولۇش، جەمئىيەت تىنچ بولۇش، ئىقتىساد گۈللىنىش، قەلبلەر مۇجەسسەملىنىش»تىن ئىبارەت دەۋر جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى، بۇ، ھەم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

قانۇنچىللىق قالقىنىنى تاۋلاپ، جەمئىيەت تىنچلىقىنى قوغداش

كەچ كىرىشى بىلەن رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى. كېچىلىك قاتناش يۇقىرى پەللىسى سەل ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىكى تور تاكسى شوپۇرى گو جيەن تەمكىنلىك بىلەن ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلدى، زاكاز ئۈزۈلمىدى. «كەچتە يوللاردا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالمايدۇ، زاكازمۇ ئاز ئەمەس.» ئايال شوپۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزى ئاددىي ھەم قەتئىي ئىدى، «شىنجاڭدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئەڭ يۇقىرى!» ئۇنىڭ بۇ يۈرەك سۆزى ھەر مىللەت ئامما ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىدا نامايان بولدى.

خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتە ئۇدا كۆپ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى − بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئىرادىدىن قايتماي تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. خەۋپسىزلىك بۇ تۇپراقتىكى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

قانۇنچىللىق شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ.

2025 - يىلى، شىنجاڭ ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قېلىپلىشىش، ئىنچىكىلىشىش، دائىملىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ ھالقىشنى تېزلەتتى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

بۇ يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىزامى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىزامى مەملىكەت بويىچە تور مەدەنىيلىكىگە دائىر يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللىشىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشقا يېتەكلىدى، بۇ، ئىلگىرى يولغا قويۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر بىر قاتار قانۇن - نىزاملار بىلەن زىچ جىپسىلىشىپ، سىستېمىلىق توپلىنىپ، رېئاللىق بىلەن تور بوشلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىستېرېئولۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى ئۆتكۈر شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

بىخەتەرلىك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلارغا سىڭىپ كەتكەن. 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يېرىم كېچىدە، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى چارۋىچى دا ئەپەندى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قىزىنى دوختۇرغا كۆرسەتكىلى كېتىۋاتقاندا، ئاپتوموبىلى ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇز تۇتقان دەرياغا چۈشۈپ كەتتى. خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تاغلىق رايونغا دەرھال يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ھاياتلىق يولىدىكى «قوغدىغۇچى» بولۇپ، ئاپتوموبىلنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، دادا بىلەن قىزنى يول بويى قوغداپ دوختۇرخانىغا بىخەتەر يەتكۈزۈپ قويدى.

كوچا - كويلاردا چاقناپ تۇرغان ساقچى چىرىغى، يوللاردا يۆتكىلىپ تۇرغان «يالتىراق يېشىل رەڭ»، خەتەرلىك ئەھۋالدا ۋاقتىدا پەيدا بولىدىغان «ساقچى كۆك فورمىسى» ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئىللىق، خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرىدىغان «تىنچ - ئامانلىق رېڭى»گە ئايلاندى.

قانۇنچىللىقنىڭ چىن مەنىسى بارلىق خەلقنىڭ سەمىمىي ئېتىقادى ۋە سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشىدە. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسكەن، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى تەتبىقلايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى... 2025 - يىلى دەل «8 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تاماملاشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل بولۇپ، شىنجاڭ پۈتۈن رايوننى قاپلىغان، ئاخىرقى ئۇچلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى ئارقىلىق، قانۇنچىللىق روھىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئاممىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك، تېخىمۇ مۇھىمى ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگو (قەشقەر) − ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرى (2025)، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى نامايان قىلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايون بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى ۋە كۆۋرۈكلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا رايون تەرەققىياتىغا قىممەتلىك ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

مەنبەدىن تۈزەپ، ئىناقلىق ئاساسىنى پۇختىلاش

ھەقىقىي تىنچ - ئامانلىق سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشتا، ماجىرالارنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، ئاددىي ئىشلاردا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە ئىپادىلىنىدۇ.

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، چىڭگىل ناھىيەسى جىغان ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى شاۋ X ئىككى مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى جىغانغا قاراپ غەمگە پاتقانىدى − ھۆددىگە ئېلىش ھەققى تالاش - تارتىشى سەۋەبىدىن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ جىغاننى يىغىۋېلىشىنى توسقانىدى. زىددىيەت قىل ئۈستىدە تۇرغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، چىڭگىل ناھىيەلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلەشمە مۇرەسسە مېخانىزمىغا تايىنىپ، 24 سائەت ئىچىدە ماجىرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ مەيدان «تېز ھەل قىلغۇچ جەڭ» شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى پۇختىلىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.

2025 - يىلى، شىنجاڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر پونكىت شەكلىدە زىددىيەت - ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى پۈتۈنلەي قۇرۇلۇپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارما) لاردىكى زىددىيەت - ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مەركەزلىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ماجىرالارنى ھەل قىلىشىدا «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا جايغا بېرىش» رېئاللىققا ئايلاندى.

ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى سىياسىي قانۇن كۈچلىرىنىڭ دائىملىق تۇرۇشى، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نۆۋەت بىلەن تۇرۇشىنى بىرىكتۈرۈپ، مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى، كېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، ماجىرانى ھەل قىلىش بايلىقىنىڭ «بىر پونكىتتا توپلىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ماجىرانى ھەل قىلىش مېخانىزمى بىلەن تولۇق قاپلاپ، زىددىيەت - ماجىرانى بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزدى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاندى.

«ئولتۇرۇۋېلىپ دېلو سۈرۈشتۈرۈش»نى «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش»قا ئۆزگەرتىپ، «پاسسىپ قوبۇل قىلىش»نى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرمۇبىر تەكشۈرۈش»كە ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشىگە تۈرتكە بولدى:

گۇڭئەن ئورگانلىرى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان «مىليون ساقچى ئون مىليون ئائىلىگە كىرىش»پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ماجىرا، ئائىلە زىددىيەتلىرىنى دەسلەپكى باسقۇچتا ھەل قىلدى؛

خەلق سوت مەھكىمىلىرى «فېڭچياۋچە خەلق سوتى» قۇرۇپ، نۇرغۇن ماجىرانى دەۋا تەرتىپى سىرتىدا ھەل قىلدى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىللىق ئېقىمى يېزا - كەنت، مەھەللىلەرنى قاپلىدى؛

تەپتىش ئورگانلىرى «ئامما ئەرز قىلغان ھەربىر ئەرزىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش» تۈزۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىش قىلىشتا ئىسپات ئاڭلاش، قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا زىددىيەت - ماجىرانى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى...

كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەلق رايىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى باشتىن - ئاخىر چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئىشلارغا سىجىل كۈچىدى. تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى مەنبەدىن ئازايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

قانۇنچىللىق كۈچىنى قوشۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇش

مۇقىملىق پايدىسى جەزمەن تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىدۇ.

2025 - يىلى، شىنجاڭدا بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 760 مىڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئېشىپ، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىن دولقۇنى توختىماي مەۋج ئۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار كارخانىلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قارىتا «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ چۈشەكتىن بوشىتىپ، كارخانىلارنىڭ كەڭ دائىرىدە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، «بەش چوڭ مۇھىت» تۈزۈم رامكىسى بەرپا قىلىنىپ، «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»، سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەر قانۇن - نىزام ماددىلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلمايدىغان، ھەرقانداق تەلىپى بولسا ئورۇندايدىغان» پىرىنسىپ ئورنىتىلىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئۈچۈن مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.

4 - ئايدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىدە شەمشەر «كۆپ تەرەپ ئىجرا قىلىش، تەكرار تەكشۈرۈش، قانۇننى خالىغانچە ئىجرا قىلىش» قاتارلىق جاھىل ئىللەتلەرگە توغرىلىنىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تەكشۈرۈش قېتىم سانىنىڭ %28.7 ئازىيىشى، مەسىلە بايقاش نىسبىتىنىڭ %15.17 ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، جەمئىي 1248 مەسىلە توپلىنىپ، 1238 مەسىلە بىر تەرەپ قىلىنىپ، كارخانىلار 47 مىليون 203 مىڭ 700 يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قېلىندى.

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، «شىنجاڭدىكى سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار قاتتىق تەدبىر ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى كەينى - كەينىدىن قاتتىق تەدبىر قوللاندى: قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاشنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشلەشكەن كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى؛ بازار ئىگىلىكى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدىدى؛ ئىجرانى رەت قىلىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىدى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى قوغدىدى.

− «ساقچى - كارخانا ئالاقە ئىشخانىسى»، ئەركىن سودا سىناق رايونى تەپتىش ئورگىنى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، «تەپتىش - كارخانا ئالاقە ئىشخانىسى» تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

− تۆمۈريول پورتىدا يەككە قېتىملىق پويىزنى ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن 20 مىنۇت ئىچىگە قىسقارتىلدى.

− ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشنى كۈتۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 مىنۇت قىسقارتىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قولايلىق يارىتىلدى.

بىر قاتار قاتتىق تەدبىر ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە قانۇنچىللىق كاپالىتىنىڭ سالمىقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىدا خەلقئارا نەزەر دائىرە چىڭ كۆزلەندى.

خەلقئارا سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى كۆپ خىل ھەل قىلىش مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، چېگرا ھالقىغان مۇرەسسە جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيتىلدى... بۇ، «كىرگۈزۈش»كە مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە «سىرتقا چىقىرىش»قا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى قانۇنچىل يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

شىنجاڭنى تىنچ - مۇقىم قىلىش ھازىرقىلارغا نەپ يەتكۈزىدۇ، كېيىنكىلەرگە بەخت يارىتىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، ۋەتىنىمىز چېگرا رايونىنىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ مۇقىم قىلىدۇ، شانلىق ھەم پارلاق قىلىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.