تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى ياش-ئۆسمۈرلەر خور-مۇزىكا كېچىلىكى بەك قالتىس ئۆتكۈزۈلدى! بالىلار ناخشا سادالىرى ئارقىلىق يېڭى يىللىق بەخت تىلەكلىرىنى سۇندى

 مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، خور كېچىلىكى باشلاندى، شىنجاڭ گېزىتى بالىلار خور ئۆمىكىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - ئۆمەكلىرى «بالىلىق قەلبىم بىلەن دۇنياغا بەخت تىلەيمەن» ناملىق خورنى ئورۇنلىدى.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا ناخشا ساداسى ياڭراپ، ئىللىق كەيپىيات ئەۋج ئالدى، 2025-يىللىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش پەسلى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ياش-ئۆسمۈرلەر خور-مۇزىكا كېچىلىكى بۇ يەردە قالتىس باشلاندى.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتى بالىلار 1-خور ئۆمىكى «باھار» ناملىق خورنى ئورۇنلىماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتى بالىلار 3-خور ئۆمىكى «باھاردىكى سەھەر» ناملىق خورنى ئورۇنلىماقتا.

   بۇ قېتىمقى خور-مۇزىكا كېچىلىكىنى شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ گېزىتچىلىك گۇرۇھى ئانار بۇلۇت سەنئەت ئۆمىكى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ يەنخۇاڭ دەۋر مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان. شىنجاڭ گېزىتى بالىلار خور ئۆمىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى خور ئۆمىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپ خور ئۆمىكى قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى مۇنەۋۋەر ياش-ئۆسمۈرلەر خور ئۆمىكىدىكى بالىلار جاراڭلىق، سۈزۈك ئاۋازى، سەمىمىي، قايناق ھېسسىياتى بىلەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئېسىل خور سەنئىتى «زىياپىتى» بەردى.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتى بالىلار 2-خور ئۆمىكى ئىجادىي ناخشا «ئاي نۇرى»نى ئېيتماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 30-باشلانغۇچ مەكتەپ قىزىل گالستۇك خور ئۆمىكى «ئارزۇ يولى» ناملىق خورنى ئورۇنلىماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتچىلىك گۇرۇھى ئانار بۇلۇت سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر كوچا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

   ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا «بالىلىق قەلبىم بىلەن دۇنياغا بەخت تىلەيمەن»، «ئارزۇ يولى»، «باھاردا تاغقا چىقىش» قاتارلىق ھەممە ياقتۇرىدىغان مۇزىكىلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاندى، شادىيانە مېلودىيە، سۈزۈك، جاراڭلىق ناخشا ساداسى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ گېزىتى بالىلار خور ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن ئىجادىي ناخشا «بارلۇق شامىلى» مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22-باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلار خور ئۆمىكى «قۇياش پاتسا ئاي نۇرى بار» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى خور ئۆمىكى «باھاردا تاغقا چىقىش» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، تاماشىبىنلار ئېسىل نومۇرلارنى سۈرەتكە ئالماقتا.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، خور-مۇزىكا كېچىلىكى ئاياغلاشتى، خور ئۆمەكلىرى بىرلىكتە «ئوخشاش بىر ناخشا» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.