− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
«15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش - قىلدۇرالماسلىقىغا باغلىق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىشىغا، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
دەھشەتلىك دولقۇندا مۇستەھكەم تۈۋرۈكنىڭ رولى ئەڭ نامايان بولىدۇ، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ. ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە، مۇھىم تۈگۈنلەردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شەكىللەنگەن ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش، كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت تەجرىبىسىدىن چىقىرىلغان مۇقەررەر يەكۈن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر يولى، ۋەزىپىسى، سىياسىتى تولۇق دەلىللەنگەن، قايتا - قايتا تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جەزمەن ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، بارلىق ئىسلاھات - تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەك. زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. سىياسىي نەتىجە ھەم تەرەققىياتنى تۇتۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، ھەم خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئىپادىلىنىدۇ؛ ھەم يېقىنقى مەزگىلدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان كۆرۈنەر نەتىجىلەردە ئىپادىلىنىدۇ، ھەم ئاساس سالىدىغان، زاپاس كۈچنى ئاشۇرىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان كۆرۈنمەس نەتىجىلەردە ئىپادىلىنىدۇ؛ ھەم رېئال زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ، ھەم تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تەدبىرنى ياخشى بەلگىلەش توغرا ئىدىيە، ياخشى ئىستىل، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنىڭ بولۇشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە توغرا مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك؛ مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» تەلىپىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىقىرىلغان تەدبىرلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە، ئەمەلىيەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياخشى سىياسىي مۇھىت، ئىختىساسلىقلار مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ياخشى ئىچكى - تاشقى مۇھىتقا ئېھتىياجلىق. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىختىساسلىقلار مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
كېمىلەر دولقۇن يېرىپ بەسلىشىپ ئىلگىرىلىدى، پارلاق ئىستىقبال يارىتىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ئارقىلىق قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى.






