تەنھەرىكەت خاس سىنىپى
بالىلارنىڭ قار - مۇز ئارزۇسىنى قوغدىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ
«شارت، شارت، شارت −» 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مىيارگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسىدىكى بالىلار كانكى ئايىغىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزىگە كىردى. كانكى ئاپئاق مۇز يۈزىدە ئىز قالدۇرغاندا، زىل ۋە كۈچلۈك ئاۋاز چىقىراتتى.
«بىز <سۈت مۇز>دا تېيىلىمىز، سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى. ئەسلىھەلىرى ئىلغار بۇنداق مۇز مەيدانىدا مەشىق قىلالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلىمەن» دېدى 16 ياشلىق ئېرزادا.
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزىدىكى مۇزنىڭ سۈپىتى ئەلا، ئەسلىھەلەر ياخشى بولۇپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ھازىرغىچە يەنىلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن قار - مۇز تەنھەرىكىتى كوماندىلىرىنى مەشىق قىلىشقا جەلپ قىلماقتا. بۇ مەكتەپنىڭ 1 - قارار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېرزادا ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەدەنىيەت دەرسى ئۆگىنىدۇ، چۈشتىن كېيىن مۇز ئۈستىدە مەشىق قىلىدۇ، ھەر ھەپتىدە مەشىقنى مۇقىم ئالتە كۈن قىلىدۇ. «مەن كىچىكىمدىنلا ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە چوڭ بولغان، 2 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندىلا مۇز تېيىلىشنى بىلەتتىم.» قار - مۇز تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
2024 - يىلى، مىيارگۇ ئوتتۇرا مەكتىپى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىن (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن باشقا) قار - مۇز تەنھەرىكىتىدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. ئېرزادانىڭ ئاپىسى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئوغلىنى تىزىملاتتى. «قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس سىنىپىغا كىرسەم ھەم داۋاملىق مۇز تېيىلالايدىكەنمەن، ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىمغىمۇ تەسىر يەتمەيدىكەن. مەن تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى سەۋىيەسىگە يېتىشنى قولغا كەلتۈرىمەن» دېدى ئېرزادا.
مۇز مەيدانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە 15 ياشلىق بى شىخاۋ پۈتۈن دىققىتى بىلەن بەدەن قىزىتىۋاتاتتى. قاراماي شەھىرىدىن كەلگەن بى شىخاۋ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ «چولپانلارنى تاللاش پىلانى» ئارقىلىق تىرېنېر تەرىپىدىن بايقىلىپ، تېز مۇز تېيىلىش كەسپى بويىچە مەشىقلەندۈرۈلدى. «دەسلەپتە، ئاتا - ئانام مېنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىمنى ئانچە قوللىمىدى، ئۇلار مېنىڭ زېھىن قويۇپ ئوقۇپ داشۆگە ئىمتىھان بېرىشىمنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن مەن مۇز تېيىلىشنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، بۇنداق قاتمال ئەھۋال ئىنتايىن ئۇزاق داۋاملاشتى.» بى شىخاۋ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى بۇ خاس سىنىپ بولغاچقا، مەن ئارزۇيۇمغا ئىنتىلىش يولىدا داۋاملىق ماڭالىدىم».
گەرچە كۈندىلىك مەشىقنىڭ سىجىللىقى يۇقىرى بولۇپ، بەزىدە ھارغىنلىق ھېس قىلسىمۇ، ئەمما بى شىخاۋنىڭ چېھرىدە دائىم كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى: «مەن كۈندە خۇشال يۈرىمەن، بولۇپمۇ نەتىجەمنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەندە تېخىمۇ شۇنداق.» بىر يىلدىلا ئۇنىڭ 500 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش نەتىجىسى 41 سېكۇنتتىن 37.8 سېكۇنتقا ئۆرلەپ، دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى ئۆلچىمىگە يەتتى.
مەيداننىڭ چېتىدە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تىرېنېر ما تاۋ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللىغان.
«ئەينى يىلى مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن پەقەت تەنتەربىيە مەكتىپىگىلا ئوقۇشقا كىرەلىدىم، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇمىغاچقا، داشۆگە ئىمتىھان بەرگەن چاغدا تاللىشىم ناھايىتى چەكلىك بولۇپ قالغانىدى.» مۇز ئۈستىدە ئۇچقاندەك تېيىلىۋاتقان سىيمالارغا قاراپ، ما تاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر بالىلار ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە نورمال ئوقۇيالايدۇ، ھەم كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنەلەيدۇ. بۇ سۇپا بولغاچقا، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىشىنى قوللاشنى خالايدىغان بولدى».
«ئەگەر بۇ سىنىپ بولمىسا، بۇ سىنىپتا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە كىرىپ داۋاملىق ئوقۇشى مۇمكىن ئىدى، ئۇلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى قار - مۇز ئارزۇسى بەلكىم شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالغان بولاتتى.» مىيارگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ شىنشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يول ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ ئۆزىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈشىگە، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىدىن ئۈمىد بار.
نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1 -، 2 - يىللىقلىرىدا بىردىن قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس سىنىپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 80 ئوقۇغۇچى بار، بۇ سىنىپ تېز مۇز تېيىلىش، مۇز توپ، يەككە تاختىدا قار تېيىلىش، قوش تاختىدا ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ۋە دالىدا قار تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەكتەپتىن تۆت ئوقۇغۇچى دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى گۇۋاھنامىسىگە، ئون ئوقۇغۇچى دۆلەتلىك 2 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى ھەم بۇ مەكتەپ شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى كەسپىي كوماندىسى ئۈچۈن يەتتە مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقى ۋە كىلىمات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - شى قاتارلىق جايلاردا تەدرىجىي ھالدا نۇقتىدا سىناق قىلىپ ھەم قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس سىنىپى تەسىس قىلىپ، قار - مۇزنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش - ئۆسمۈرلەرگە «تەنتەربىيە + مائارىپ»تىن ئىبارەت قوش رېلىسلىق ئۆسۈپ يېتىلىش يولى ئېچىپ بەردى.






