تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

​− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھېسابلىنىدۇ. «15 - بەش يىللىق» تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ، باشلىنىش يىلىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىر قاتار تەرەققىيات ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيەت يولى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، بۇرغا ئاۋازى جەڭگە ئۈندىمەكتە. بىز يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، جەزمەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.

خىزمەتلەرنى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قىيىن نۇقتىسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھازىر، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد خىزمىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ، ھەم تەڭ كۈچىگىلى، ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولمايدۇ، ھەم قارىقويۇق ھەممىسىنى تۇتۇشقا، تەرتىپسىز ۋە قائىدىسىز ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى ئىگىلەش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن «كۆۋرۈك» ۋە «كېمە»نى دەل جايىدا تېپىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا سۈرئەتنى ئالغا سىلجىتىش ئاندىن پۇختا، راۋان بولىدۇ، جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاندىن كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا، جەزمەن سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. پەقەت مەۋقەنى ئومۇملۇققا قويۇپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئېنىق چۈشەنگەندىلا، ئاندىن «يەككە بۆسۈپ كىرىش» «ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىش»تىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا، جەزمەن ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى پائال، پۇختا تۈگىتىش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتقاندىلا، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «تۇتقا»سىنى چىڭ تۇتقىلى، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچقىلى بولىدۇ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇملۇق تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى، تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا، جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتا ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك؛ تىرىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەش كېرەك؛ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. بۇ ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ دەل جايىدا كۈچەپ، نىشانلىق تەدبىر قوللانغاندىلا، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاندىن نىشاندىن ئېغىپ كېتىشتىن، تەدبىرلەر قۇرۇق بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئاندىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتقانلىق − تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادە بىلەن، ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا كۈچەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولساق، جەزمەن ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.