تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش! يەسلىلەر پەقەت بەش تۈر بويىچىلا ھەق ئالىدۇ

  12-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، دىققەتنى يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىغا ئېنىق چەك قويدى. «ئۇقتۇرۇش» 2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  سەككىز تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەسلىلەرنى ھەق ئېلىشىغا ئېنىق چەك قويۇلدى

  — ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە

  ​«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش تۈرلىرى بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى، ياتاق ھەققى، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق، ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھاۋالىلىك بېقىش سىنىپى ئاچقانلار يەنە تەربىيەلەش ھەققى ئالسا بولىدۇ.

  . بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى يەسلىلەرنىڭ يەسلىدىكى بالىلارنى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئالىدىغان خىراجەتنى كۆرسىتىدۇ؛

  . ياتاق ھەققى ياتاقلىق يەسلىلەرنىڭ ياتاقتا ياتىدىغان بالىلارنى ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنى كۆرسىتىدۇ؛

  . بېقىش ھەققى يەسلىلەرنىڭ ھاۋالىلىك سىنىپ ئېچىپ، ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ ئالىدىغان ھەقنى كۆرسىتىدۇ؛

  . مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق يەسلىلەرنىڭ نورمال بېقىش-تەربىيەلىشىدىن باشقا، يەسىلىدىكى بالىلار ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان، ئاتا-ئانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللايدىغان مۇلازىمەت ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنى كۆرسىتىدۇ.

  . ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش يەسلىلەرنىڭ بالىلارنىڭ يەسلىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئىختىيار قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن ئۈچۈن ۋاكالىتەن يىغىپ، ۋاكالىتەن تۆلەيدىغان ھەقنى كۆرسىتىدۇ.

  يەسلىلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ئىشلىرى، شۇنىڭدەك مالىيە كاپالىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن تۈرلەرنى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ياكى ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشقا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

  — تۈرگە ئايرىپ ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەر ۋە باشقا پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى يەسلىلەر ئالىدىغان بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى، ياتاق ھەققىدە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلىدۇ؛ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشتا پىرىنسىپ جەھەتتە بازار ئارقىلىق تەڭشەش باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغانلىرىدا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلسا بولىدۇ. پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىدا بازار ئارقىلىق تەڭشەش باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، يەسلىلەر يەسلى قۇرۇش تەننەرخى، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ.

  — ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش جەھەتتە

  ھەرقايسى جايلار ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلى ۋە باشقا پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە، تەننەرخنى ئاساس قىلىپ، ئاممىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلاردىن يەسلىلەرگە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، يەسلىلەردىن ئۆز يەسلىسىنىڭ ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تىزىملىك سىرتىدا بىردەك ھەق ئالماسلىق تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەق ئېلىش سىياسىتىنى قەرەللىك باھالاپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش، باھالاش مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەلەپ قىلىندى.

  مۇندەرىجە تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئاتا-ئانىلارنى ئېنىق چۈشىنىشلىك بولغان ھەق تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، يەسلىلەردە ئائىلە باشلىقلىرى ھەيئىتى، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش، شەكلى ئۆزگەرگەن ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «ئۇقتۇرۇش»تىمۇ بۇ مەسىلە كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ.

  قىسمەن ئاتا-ئانىلار ئىنكاس قىلغان بەزى يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشى قېلىپلاشماسلىق، ئاشكارا بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەسلىلەر پەقەت بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى، ياتاق ھەققى، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق، ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش، بېقىش ھەققى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ھەقنىلا ئالىدۇ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھەق ئېلىش دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىغا قارىتا مۇندەرىجە تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، تىزىملىكتىن سىرت ھەق ئېلىشقا بىردەك يول قويۇلمايدۇ.

  جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى گاۋ بىڭچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇندەرىجە تىزىملىكىنى باشقۇرۇش «جەمئىيەتكە تىزىملىك سىرتىدا ھەق ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىغانلىقتۇر، تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ھەرقانداق تۈرنى ئاتا-ئانىلار رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېنىق سىياسەت قىزىل سىزىقى بېكىتىلدى. ئاشكارا مەشغۇلات قىلىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئاتا-ئانىلار ئېنىق چۈشىنىشلىك بولغان ھەقنى تاپشۇرىدىغان، يەسلى قائىدە-يوسۇنلۇق ھەق ئالىدىغان، ھۆكۈمەت ئېنىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ساغلام ئېكولوگىيە بەرپا قىلىنىدۇ».

  مۇۋاپىق ھەق ئېلىشقا يېتەكلەپ، بېقىش-تەربىيەلەش يۈكىنى تۆۋەنلىتىش

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇ قېتىمقى «ئۇقتۇرۇش»تا ھەق ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەق ئېلىشنىڭ سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەمىنلەشتىكى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بالىلارنىڭ «ئوقۇيدىغانغا يەسلى بولۇش» «ئوقۇيالايدىغان بولۇش» «ياخشى يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش»ىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ۋە پايدا ئالمايدىغان يەسلىلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى، ياتاق ھەققى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەننەرخنى ئاساس قىلىپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بېكىتىلدى، يەنى ھەم سۈپەت كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ھەم ئاتا-ئانىلار ئۈستىگە ئالالايدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈلدى؛ بازار ئارقىلىق تەڭشەش باھاسى يولغا قويۇلغان پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى يەسلىلەرگە قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا زۆرۈر تېپىلغاندا تەننەرخنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ھەق ئېلىشقا يېتەكلەپ، سۈپەت ۋە باھانىڭ ماس كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زىيادە يۇقىرى ھەق ئېلىشنى توسۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  جۇڭگو مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى گاۋ بىڭچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ تەدبىرلەر ئائىلىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى باشقا ئىستېمال ساھەسىگە ئىشلىتىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ياش ئائىلىلەرنىڭ بېقىش تەشۋىشىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، بۇ، ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشى پايدىسى ھېسابلىنىدۇ».

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق بىلدۈردى: «ئۇقتۇرۇش»تا ھەق ئېلىشنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى قەرەللىك باھالاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، باھالاش مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ھەق ئېلىش سىياسىتىنى جانلىق مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«خەلق گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.