تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ

يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن يوقلاش، ھال سوراشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىگىلەپ، يوقلاش، ھال سوراشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا، بولۇپمۇ شارائىتى جاپالىق رايونلاردا ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ئورۇنداش بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»، دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاقىدار تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى يوقلاش، ھال سوراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاش، ھال سوراش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە ئۇزاققىچە يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يوقلاش، ھال سوراش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، نورمال ۋەزىپىدىن ئايرىلغان كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىرى، كەنت (ئاھالە) ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى ھەمدە كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما قاتارلىقلارغا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش كېرەك، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىمۇ يوقلىسا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىسا بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن ھال سوراش مەبلىغى ئاجرىتىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماق(سىستېما)لار يانداش مەبلەغنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ھال سوراش ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ تەمىناتى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەن يېزىلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىقىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان شەھەر - بازارلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، يوقلاش، ھال سوراش ئوبيېكتلىرىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يوقلاش، ھال سوراش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يوقلاش، ھال سوراش ۋە يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خۇشال - خۇرام، تىنچ - ئامان، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.