− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
«14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان، «15 - بەش يىل» پات ئارىدا باشلىنىدىغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا 2025 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى ۋە ئۆز ئەۋزەللىكى، شارائىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.
ئىشەنچ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىلىرىدىن كەلدى. 2025 - يىلى، چوڭقۇر، مۇرەككەپ تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، سىياسەت پايدىسى ۋە تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يۈكسىلىدىغان غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە توپلىنىپ شەكىللەنگەن پۇختا ئاساس مۇقەررەر «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، تۈرلۈك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشقا «ئاساس» سالىدۇ، ئاساسنى پۇختىلايدۇ.
ئىشەنچ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن كەلگەن. «14 - بەش يىل»نى ئەسلىسەك، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدىكى، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال؛ شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەجرىبىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيىتىدىكى چوڭقۇر تونۇشى بولۇپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىزنى مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.
ئىشەنچ ھازىرقى ۋەزىيەتكە بولغان ئىلمىي ھۆكۈمدىن كەلگەن. «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پۇرسەت خىرىستىن چوڭ، پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىلدىن كۈچلۈك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مىسلىسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى؛ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» رايون ئورنى ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى... ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرغاندىلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ.
ھازىرغا نىسبەتەن ئىشەنچىمىز بار، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى.






