
يېقىندا، ساياھەتچىلەر بۈگۈر ناھىيەسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدىكى گۈل پارنىكىدا گۈللەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا ھەمدە سۈرەتكە چۈشۈپ گۈزەل دەقىقىلەردىن خاتىرە قالدۇرماقتا. تۇرسۇن ئوسمان فوتوسى

ئالتاي شەھىرى ۋۇيۆ گۈلخانىسىدا، گۈلخانا مەسئۇلى شۆ شۇاڭيەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرتۈپ، قىشتىكى بۇ يېشىللىقنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرماقتا. ۋاڭ رۈيكۇن فوتوسى
قىش پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەپ، سىرتتا سوغۇق شامال چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن شەھەر-يېزىلاردىكى گۈل-گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈك بازارلىرى ئىللىقلىققا، ھاياتىي كۈچكە تولدى. جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالتاي، ماناس، مارالبېشى، بۈگۈر قاتارلىق ھەرقايسى جايلىرىدا، تۈرلۈك گۈل-گىياھلار، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تەمىنلەش-سېتىش تەڭ جانلىنىپ، گۈل-گىياھ جەھەتتىكى ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل ئاشتى. قىشتىكى بۇ «خۇش پۇراق» ھەم ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىدىن كەلدى، تېخىمۇ مۇھىمى خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق كۈچ قوشۇشنىڭ پايدىسىدىن بولدى. «گۈزەللىك ئىقتىسادى» ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا گۈزەللىك بېغىشلاپ، ئىستېمال تاللىشىنى بېيىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان يېڭى موتور بولۇپ قالدى.






