12-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتە
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ
4-يىللىق 2-سىنىپ جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى بېشىنى پارتىغا قويۇپ دەم ئېلىشىغا ئوخشىمايدىغىنى
بالىلار يۆلەنچۈكىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ئورۇندۇقتا يېتىپ
ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى
شۇ كۈنى سائەت 14تە، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنىڭ ئاخىرلىشىش قوڭغۇرىقى ئەمدىلا چېلىنىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار پارتا يۈزىنى رەتلەپ، ئورۇندۇقلىرىنى ماھىرلىق بىلەن «ئۆزگەرتىش»كە باشلىدى. «كۆتۈرۈش، ئۆرۈش، تارتىش، بېسىش» قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى راۋان ئىشلىگەندىن كېيىن، پارتا-ئورۇندۇقلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە راھەت كىچىك كارىۋاتقا ئايلاندى. بالىلار يۆلەنچۈكىنى تەڭشەپ، كۆزىگە كۆز توسقۇچ تاقاپ، ئۈستىگە يېپىنچا يېپىپ، ئاستا-ئاستا چۈشلۈك شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 14تە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىق 2-سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك دەم ئېلىشتا «يېتىپ ئۇخلىماقتا».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ تۇنجى بولۇپ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا «يېتىپ ئۇخلاش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈچۈن، ياتقىلى بولىدىغان پارتا-ئورۇندۇقتىن 200نى كىرگۈزگەن، 1-يىللىق ۋە 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى «سىناق قىلغۇچى»لارغا ئايلانغان.
«ئىلگىرى بېشىمنى پارتىغا قويۇپ ئۇخلىسام قوللىرىم دائىم ئۇيۇشۇپ كېتەتتى، ھازىر يېتىپ ئۇخلىيالايدىغان بولدۇم، بۇنداق ياتسا بەك راھەت بولىدىكەن! ھازىر چۈشتىن كېيىنكى دەرسنى روھلۇق ئولتۇرۇپ ئاڭلايمەن» دېدى چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغان 4-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى لى شىخەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 14تە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىق 2-سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك دەم ئېلىشتا «يېتىپ ئۇخلىماقتا».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش سۈپىتى كۈنسېرى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ يىل 9-ئايدا، «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پارتا-ئورۇندۇقلىرىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشقا لايىق ھەممىبابلاشتۇرۇش تېخنىكا تەلىپى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، پارتا-ئورۇندۇقلارنى ئۆگىنىش ۋە دەم ئېلىشتىن ئىبارەت قوش ئېھتىياجقا لايىقلاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام چۈشلۈك دەم ئېلىشى قېلىپلاشقان كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەندى. بۇ ئۆلچەم 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق 2-سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى پېڭ يۈخۇڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا نۆۋەتچىلىك قىلىۋېتىپ، يېتىپ ئۇخلىغىلى بولىدىغان پارتا-ئورۇندۇقنى ئىشلەتكەندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشتىن كېيىن دەرسخانىدىكى روھىي ھالىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى بايقىغان. بۈگۈنكى كۈندە، سىنىپتىكى %90تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قانۇنىيەتلىك چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادىتىنى يېتىلدۈردى، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچى يېتىپ بەش مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇيقۇغا كىرەلىدى، چۈشلۈك دەم ئېلىشنىڭ سۈپىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «يېتىپ ئۇخلاش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان مەكتەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ 200 ئوقۇغۇچى تۇنجى بولۇپ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئەركىن-ئازادە ئارام ئېلىشتىن بەھرىمەن بولدى، بۇ، ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق. كېيىنكى قەدەمدە، مەكتىپىمىز چۈشلۈك دەم ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى چۈشتە «يېتىپ ئۇخلاپ» تېخىمۇ روھلىنىش، تېخىمۇ ياخشى كەيپىياتقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەكتەپتىكى بۇ «كىچىك بەخت»نى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى «زور ئېنېرگىيە»گە ئايلاندۇرىمىز.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






