تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يىلىغا 200 مىڭ دانە  لوپ ناھىيەسىدە كىچىك سۈپۈرگە چوڭ بازار ئاچتى

   مەنبە: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   12-ئاينىڭ 19-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىدىكى «مىڭخاۋ» سۈپۈرگە زاۋۇتىدا ئىشچىلار سۈپۈرگە ياساش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان كىچىك سۈپۈرگىنى خەلقنى بېيىتىپ، كەنتنى گۈللەندۈرۈشتىكى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، بۇ زاۋۇت يىلىغا 200 مىڭ دانىدىن ئارتۇق سۈپۈرگە پىششىقلايدىغان بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، 16 نەپەر ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەمەتئېلى ئەنۋەر)

ئىشچىلار يېڭىلا ياساپ بولغان سۈپۈرگىلەرنى يۆتكىمەكتە.

ئىشچىلار چېۋەر قوللىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا پۇختا، چىداملىق سۈپۈرگىلەرنى ياساپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.