− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
«14 - بەش يىل» تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، «15 - بەش يىل» پات ئارىدا باشلىنىدۇ. ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2025 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاچقۇچلۇق ھالقا چىڭ تۇتۇلسا، باشقا ھالقىلارمۇ تەبىئىي راۋانلىشىدۇ. يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى. بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بۇ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلىشىمىز ۋە ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا قايتا نەزەر سالساق، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمىز. 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى، ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، سىياسەت پايدىسى ۋە تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پۇرسەت خىرىستىن چوڭ، پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىللاردىن كۈچلۈك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، بىزنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق غەيرىتىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار، ئىشەنچىمىز بار. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار دىققىتى ۋە كۈچىنى ئاپتونوم رايوننىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، سىياسەت - تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى چۆرىدەپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن يىللىق خىزمەت نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئىقتىساد خىزمىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاساس تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچقىلى بولىدۇ. تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى پائال، پۇختا تۈگىتىش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، خىزمەت قىلغاندا ھەم چوڭ يۆنىلىش ئېنىق بولۇش، ھەم دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتا ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كۈچەپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تىرىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەش كېرەك؛ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.
پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
جاپا - مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ، ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، كەلگۈسى جەزمەن ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىلەرگە تولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.






