تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭدا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى! ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىدە چوقۇم پۇتبول دەرسى ئۆتۈلىدۇ

 

   يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، ئالتە چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. 

   «لايىھە»دە مەكتەپ پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئالتە چوڭ يادرولۇق ھەرىكەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى پۇتبول ئوقۇتۇشى، مەشىقى، مۇسابىقىسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبولنى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، پۇتبول دەرس سائىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە مەكتەپلەردە پۇتبول دەرس سائىتى ئومۇمىي تەنتەربىيە دەرسى سائىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كەم بولماسلىق؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول ھەرىكىتىنى چوڭ تەنەپپۇس ئارىلىقىغا ۋە دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پۇتبول مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دەرستىن سىرتقى مەشىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. 

   تەربىيەلەش سىستېما قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى، بۇنىڭدا دىققەتنى ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم دائىرىسىنى پۇختا كېڭەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى جىپسىلاشقان «بىر يۈرۈش» ئۆرلەپ ئوقۇش كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي كەسپىي مەكتەپ، تولۇق كۇرسنى تۇتاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇپ، «مەكتەپ پۇتبولى خاسلىقىگە ئىگە سىنىپ - خاسلىققا ئىگە مەكتەپ - يېڭىچە پۇتبول مەكتىپى - پۇتبول كەسپىي شۆيۈەنى - پۇتبول شۆيۈەنى - پۇتبول كۇلۇبى»دىن ئىبارەت پەلەمپەيسىمان تەربىيەلەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

   مۇسابىقە سىستېمىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا «مەكتەپ ئىچىدىكى مۇسابىقە − مەكتەپلەر ئارا بىرلەشمە مۇسابىقە − تاللاش خاراكتېرلىك مۇسابىقە» بىرگەۋدىلەشكەن بىرلەشمە مۇسابىقە تورى تاكاموللاشتۇرۇپ، «ئانار دانىسى لوڭقىسى» مەكتەپ پۇتبولى بىرلەشمە مۇسابىقىسى قاتارلىق داڭلىق مۇسابىقىلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى»، ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەكتەپ پۇتبولى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى، پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرىنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىندى.

   مەكتەپ باشقۇرۇش ساپاسى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، باھالاش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا يېتىشتۈرۈش، تولۇقلاش، تەربىيەلەش، تەمىنات جەھەتتە كۈچەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كوماندىدىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ياشلار مەشىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي تىرېنېرلىرىنى مەكتەپتە تۇرۇپ تەربىيەلەشكە جەلپ قىلىپ، «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» قاتارلىقلارغا تايىنىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

   تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرىگە تايىنىپ ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ياشلار مەشىق مەركىزى قۇرۇشنى قوللاپ، «مەكتەپ + ياشلار مەشىق مەركىزى» بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. 

   «لايىھە»دە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مائارىپ تارماقلىرى ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، تەنتەربىيە تارماقلىرى ۋە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە قاتارلىق تارماقلار مۇناسىپ مەدەت بېرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەكتەپ پۇتبولى مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق تەشكىللەپ، جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.