□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ گاڭ
ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، چاينىڭ يېشىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ماشىنىسىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ھىمىرىش ماشىنىسى تەكشى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، كۆپ خىل ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكەن جىغان چېيىنىڭ رەڭگى پارقىراق، ھىدى قويۇق ئىدى... 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، پامىر ئېگىزلىكىدە سوغۇق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدا، شىنجاڭ لەنچى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ جىغان چېيى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى.
سېختا، ئىشچىلار ماسكا تاقاپ ماھىرلىق بىلەن قۇتىغا قاچىلاپ، ماركا چاپلاپ، يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتاتتى، «چىڭكېزى» ماركىسى بېسىلغان يەشىك - يەشىك جىغان چايلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى، بىر قىسىم مەھسۇلاتلار يەنە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز پويىزىغا قاچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا سېتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلگىرىكى نامرات يېزا قۇلانساراق يېزىسى بۈگۈنكى كۈندە خاس كەسىپلەرگە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى تېپىپ چىقماقتا.
«ھازىر سېختا كۈنىگە 200 كىلوگىرام جىغان يوپۇرمىقىنى پىششىقلىغىلى بولىدۇ، مېنىڭ كىرىمىممۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇقىم ئاشتى!» ئۈسكۈنە مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەتنۇر ئىبرايىمنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
ئائىلىسىدىكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى يىل بويى سىرتتا ئىشلەيتتى، يىل بويى بىرەر قېتىم ئۆيىگە قايتىشىمۇ تەس بولۇپ، كىرىمىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى.
2024 - يىلى، شىنجاڭ لەنچى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاقچى ناھىيەسىدىكى تۇنجى سانائەتلەشكەن جىغان چېيى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇردى. مەمەتنۇر سېخقا بېرىپ ئىشچى بولدى، ھەر ئايدا 4500 يۈەن مائاش ئالدى، يەنە قوشۇمچە ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلدى ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
بۇ جىغان چېيى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى جىغان يوپۇرمىقىدىن پايدىلىنىپ «كېرەكسىز نەرسىنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇپ»لا قالماي، يەنە 26 كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، پەسىل خاراكتېرلىك ئۈزۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغانلار 150 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
مەمەتنۇرغا ئوخشاش نەپكە ئېرىشكەنلەردىن يەنە قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتىنىڭ ئاھالىسى سۇۋاگۈل سۇلايمانمۇ بار. ھەر قېتىم جىغان يوپۇرمىقى ئۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئەتىگەندىلا كەنتتىكى ئاياللار بىلەن بىللە جىغانلىققا بېرىپ يېڭى جىغان يوپۇرماقلىرىنى ئۈزىدۇ.
«يېڭى يوپۇرماقنى سېتىۋېلىش باھاسى بىر كىلوگىرامىنىڭ 20 يۈەن، مەن بىر كۈندە بەش كىلوگىرام ئۈزۈپ، 100 يۈەن تاپالايمەن، شۇ كۈنى ئۈزسەم شۇ كۈنىلا پۇلنى ئالالايمەن!» سۇۋاگۈل كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلغاندا، چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.
«بىز مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، جىغان كەسپىنى يېتەكچى كەسىپ سۈپىتىدە يېتىشتۈردۇق» دېدى قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇمانۇر سۇلتاش تونۇشتۇرۇپ.
ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، جياڭسۇ جيۇشياڭ چايچىلىق چەكلىك شىركىتىدىن كەلگەن تېخنىكا مەسلىھەتچىسى شيۇڭ جيەنچۈن خىزمەتچىلەرنىڭ خۇش پۇراق ئاشۇرۇش پارامېتىرىنى تەڭشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جىغاننىڭ يوپۇرمىقى نېپىز، تالاسى يىرىك بولۇپ، چاي ئىشلەش ھۈنەر - سەنئىتى جەھەتتە ئادەتتىكى چاي بىلەن ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ، چاي كۆكىنى يوقاتقاندا تېمپېراتۇرىدا پەرق كۆرۈلسىلا، تەمى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن».
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋۇشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن يار - يۆلەك بولۇش مۇھىم تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭسۇ جيۇشياڭ چايچىلىق چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ لەنچى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن چوڭقۇر يار - يۆلەك بولۇش بويىچە قوشماقلىشىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى.
«بىز تېخنىكا تايانچلىرىنى ئاقچىغا ئەستايىدىل تاللاپ ئەكىلىپ، جىغان يوپۇرمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئوقۇتۇش لايىھەسى تۈزۈپ، چاي يوپۇرمىقى ئۈزۈش، چاي يوپۇرمىقىنى تاللاشتىن چاي كۆكىنى يوقىتىش، خۇش پۇراق ئاشۇرۇشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردۇق؛ شىنجاڭ لەنچى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىمۇ قەرەللىك ھالدا خىزمەتچىلەرنى يىشىڭ شەھىرىنىڭ تەيخۇا بازىرىغا تاللاپ ئەۋەتىپ، چايچى دېھقانلاردىن چاي ئۈزۈش، چاي ئىشلەش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۆگەندى.» شيۇڭ جيەنچۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئېلىپ كېتەلمەيدىغان چاي ئىشلەش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرىمىز».
بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدا چاي ئىشلەش ماھىرىدىن تۆتى يېتىشتۈرۈلۈپ، جىغان چېيى پىششىقلاش تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى. كارخانا ئاچقان ئەتىرگۈل جىغان چېيى، گۇيخۇا گۈلى جىغان چېيى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 500 يۈەنگە يېتىپ، بازاردىكى يېڭى ئەتىۋارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
«بۇ چاينىڭ تەمى ساپ، تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە خۇاڭتۇڭ مول بولۇپ، كۈتۈنۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ!» ۋۇشى. ئاقچى تۇرمۇش سارىيىدا، جىغان چېيى كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، نۇرغۇن ئىستېمالچى نەق مەيداندا زاكاز چۈشۈردى. خۇانېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە ۋۇشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ۋۇشى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئاچقان تۇرمۇش سارىيىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يېزا يەنە جىغان چېيىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە بازارلىرىغا بىۋاسىتە يۈزلەندۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، يەرمەنكە قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ جىغان چېيىنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۇقىم ئاشتى.
«2025 - يىلى، بىز جىغان يوپۇرمىقىنى ۋاكالىتەن پىششىقلاش كېلىشىمى ئارقىلىق، قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدۇق!» دېدى شىنجاڭ لەنچى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خەيفېڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
جۇمانۇر مۇنداق بىلدۈردى: «پىلان بويىچە، بىز يەنە ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش چېيى، سوۋغات چېيى قاتارلىق مەھسۇلات تۈرلىرىنى بېيىتىپ، <چىڭكېزى> جىغان چېيىنى تېخىمۇ يىراقلارغا يۈزلەندۈرىمىز، تېخىمۇ داڭقىنى چىقىرىمىز».






