تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە ئۇچراشتى، بەنشىرنىڭ مەززىلىك ھىدى مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسى قاراباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ، خۇشال - خۇرام ھالدا ئىللىق پەيتلەردىن ئورتاق بەھرىلەندى. □جاڭ يۈن فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

قىشلىق كۈن توختاپ كۈندۈز ئۇزىراشقا باشلىدى، زېمىستان قىشتا كىشىلەر ئۆزئارا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېزا - كەنت ۋە مەھەللىلەردە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ھەر مىللەت قوشنىلار خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە بەنشىر تۈگۈپ، مۇڭدىشىپ، ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بەنشىرنىڭ مەززىلىك ھىدى ئىچىدە ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتتى، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

«قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە نېمە ئۈچۈن بەنشىر يەيمىز؟» كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى بەيياڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت زالى ئىللىق كەيپىياتقا تولغانىدى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى بەيياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ شىنخۇا سەھنە ئالدىغا كېلىپ، كۆپچىلىككە قىشلىق كۈن توختاش كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خەلق ئىچى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، «مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قىشلىق كۈن توختاش كۈنى . بەنشىرنىڭ مەززىلىك ھىدىغا تولغان بەيياڭ» قىشلىق كۈن توختاش كۈنى باش تېما پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان قىشلىق كۈن توختاش كۈنى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى بەنشىرنىڭ مەززىلىك ھىدى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇزىكا ياڭرىغاندا، بەيياڭ كەنتىنىڭ تەشۋىقات كادىرى ئارزۇگۈل ئەخمەت كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇسسۇلنى ئويناپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك يەنە بىرلىكتە بەنشىر قىسىش قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلارغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە مەشرەپ ئويناپ، خۇشال كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

جاڭ شىنخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت كەنت ئاھالىلىرىگە ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ ئىللىق كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت <ئىككى كومىتېت>ى بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى».

سوغۇق شامال ئىللىقلىقنى توسۇپ قالالمىدى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى ئوردا ئېرىق كەنتى ئىللىقلىققا تولغانىدى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى قىزىلسۇ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، كەنتتىكى «تۆت پېشقەدەم»لەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئائىلىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، بەنشىرنى ۋاسىتە قىلىپ، دوستلۇق مېھرى ھەققىدە ئورتاق سۆزلەشتى.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پوسكام ناھىيەسى تۇڭشىن كوچىسىدا «پوسكامدا خۇشال - خۇرام جەم بولۇش، قار - مۇزدا قىشلىق كۈن توختاش كۈنىگە ھۆسن قوشۇش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى. جانلىق ئۇسسۇل، لەرزان ناخشا ساداسى، تەۋەككۈلچىلىك تۈسىنى ئالغان سېرك قاتارلىق ئويۇنلار نەق مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، سەھنە سىرتىدا تاماشىبىنلارنىڭ چاۋاك ئاۋازى، ئالقىش ساداسى گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيەتتى. ئويۇن ئارىلىقىدا، رىياسەتچى قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدىكى خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى چۆرىدەپ سوئال سورىدى، سەھنە سىرتىدىكى تاماشىبىنلار بەس - بەستە جاۋاب بېرىپ، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا مول بايرام خۇشاللىقىغا ئېرىشتى.

پوسكام ناھىيەسى پوسكام بازىرىنىڭ ئاھالىسى زىلالە ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاپام بىلەن بىللە قىشلىق كۈن توختاش كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئېسىل نومۇرلارنى كۆردۇق، يەنە كىچىك مۇكاپات بۇيۇمىغا ئېرىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق».

قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇلىرىدا، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان پائالىيەتلەر بەس - بەستە ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، جىلتا ئېچىپ، قىيما تەييارلىغاچ پاراڭلاشتى، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بەنشىر ئارقىلىق خەلق ئۆرپ - ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خۇشال - خۇرام كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەتىگەندىلا، تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ فۇكاڭ كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى شيۇخېيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاشخانىسى ئىللىقلىققا چۆمدى، ما جىڭشىڭ قاتارلىق ئاھالىلەر ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئۇزۇن ئۈستەلنىڭ يېنىدا، كۆپچىلىك ئىش تەقسىملەپ، ھەمكارلىشىپ، كۆكتات ئادالاپ، قىيما تەييارلاپ، جىلتا ئېچىپ، بەنشىر تۈگدى، ھەممەيلەننىڭ ھەرىكىتى چاققان ئىدى.

«قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە كۆتۈرمىسەڭ بەنشىر قاچىسى، قۇلاق ئۈششۈپ قالسا ئەگەردە يەتمەس ھېچكىمنىڭ چولىسى.» 66 ياشلىق ئاھالە ۋاڭ يەن بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن شەكىل چىقىرىپ تۈگۈش ئۇسۇلىنى كۆرسەتتى، يۈەنباۋ بەنشىر، مەيسۈي بەنشىر، يۆيا بەنشىر، دانە - دانە شەكلى ئۆزگىچە بەنشىرلەر ناھايىتى تېزلا پەتنۇسلارغا لىققىدە تىزىلدى. «ھەر قېتىملىق بايرام قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت، قۇربان ھېيتنى ۋاڭ ھەدە ئۆيىمىزگە كېلىپ ئۆتكۈزىدۇ، قىشلىق كۈن توختاش كۈنى، باھار بايرىمىدا ئۇ بىزنى ئۆيىگە بەنشىر تۈگۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ» دېدى مەھەللىدىكى ئاھالە سەفىنە كۈلۈپ تۇرۇپ.

ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بەنشىرلەر پىشتى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ۋە ئاھالىلەر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مەززىلىك تائامدىن ئورتاق بەھرىلەندى. «قوشنىلار بىللە تۈگكەن بەنشىر زادى يېيىشلىك بولىدۇ!» دېدى ما جىڭشىڭ.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق يېڭى كەنتى غەربىي مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى بىلەن دوستلۇق شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى بىرلىشىپ، تەۋەلىكتە «بەنشىرنىڭ مەززىلىك ھىدى مەھەللىنى قاپلاش، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ياشلار خېمىر يۇغۇرۇپ، جىلتا ئاچتى، ھەرىكىتى چاققان ئىدى، ياشانغانلار قولمۇقول بەنشىر تۈگۈشنىڭ ئېپىنى ئۆگەتتى. «قىيمىنى ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، گىرۋىكىنى چىڭ چاپلاپ، ئاندىن گۈل چىقارساق، پىشۇرغاندا ئېچىلىپ كەتمەيدۇ.» 68 ياشلىق گو شيۇجۈ بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسەتكەچ، بىر تەرەپتىن تاپىلىدى. بەنشىر پىشۇرۇش ئارىلىقىدا، ئۇ قوشنىسى پاتىمە ئابلىزنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى. «مەھەللىنىڭ ئىشى بىزنىڭ ئىشىمىز» دېدى گو شيۇجۈ.

بەنشىر پىشتى، پىدائىيلار تېزدىن قاچا - قاچىلارغا سۈزۈپ ئېلىپ ياشانغانلارنىڭ ئالدىغا قويدى. 82 ياشلىق ئارزۇگۈل مەمەت بەنشىر قاچىسىنى تۇتقىنىچە، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بەنشىر ئۆيىمىزدىكىدىنمۇ مەززىلىك بوپتۇ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزسەك ناھايىتى خۇشال بولىدىكەنمىز».

كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى «ئۆرپ - ئادەتكە ئەھمىيەت بېرىش، بەنشىر تۈگۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئاۋات يېزىسىنىڭ چېگە كىچىك كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، پىدائىيلار ئەمدىلا پىشقان بەنشىرنى تاماق قاچىلىرىغا ئۇسسۇپ، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى، يەنە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەپسىلىي سورىدى، قىشتا ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشنى ۋە ئوت ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

«كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ھەر يىلى قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە مېنى ئويلاپ تۇرغىنىغا رەھمەت، بەنشىرنى ھەر يېسەم تىلىمدا قالىدۇ، قەلبىم ئىللىيدۇ!» دېدى كەنت ئاھالىسى سۈن جيەنجۈن تەسىرلەنگەن ھالدا.

(مۇخبىرلار چېن جياڭلىن، جاڭ دۇڭمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار سۈن فاڭتىڭ، گو خۇڭلېي، جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن شىڭياڭ، خۇاڭ ۋەنلى، ئاسىمگۈل تۇرغۇنجان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.