− تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ئارقىلىق يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇش
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى سىياسىي ئوبزورى
(1)
ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بۈيۈك قامۇسى پات ئارىدا 2025 - يىلىدىن ئىبارەت بۇ بىر بېتىنى ئۆرۈيدۇ.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، تارىخشۇناسلار يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قايتا نەزەر سېلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىش ئىچكى قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، نەزەرىنى چوقۇم 2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قارىتىدۇ. دەل شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا يۈزلىنىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2021 - يىلى دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، 2022 - يىلى دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، 2023 - يىلى دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، يەنە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىغىچە، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ماددىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى تىنچ مۇھىتنى قوغدىدى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قىممەت ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش» توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ھەرىكەت رامكىسىنى بەرپا قىلدى.
«تارىخقا نەزەر سالساق، ئىنسانىيەت دەل ھەر قېتىملىق سىناقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ھەر قېتىملىق كىرىزىسنى يېڭىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان. بىز تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتى ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۆنىلىشىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.
مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇقەررەر يۈزلىنىشنى ئوخشاشلا توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. پەقەت تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چوڭ دولقۇنغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشكەندىلا، ئاندىن بىلىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆز قاراشتىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
(2)
«تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ» «تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە بولغان يادرولۇق قىممىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى ھەم تەرەققىياتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ يول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەۋقە نېگىزگە قويۇلغان ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىلتىماس - تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات ساھەسىدىكى رېئال خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلەندى. بۇ تەشەببۇس چوڭقۇر نەزەرىيە قىممىتى ۋە روشەن ئەمەلىيەت خىسلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان بولغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.
دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا سىستېمىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، 2030 - يىل قارالمىسىغا نىسبەتەن ئىدىيەنى يۈكسەلدۈرۈش، يولنى كېڭەيتىش ۋە ئەمەلىي كۈچ قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش ماھىيەتتە جۇغراپىيەلىك تىركىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا بولغان قىممەت جەھەتتىكى ئېغىشنى تۈزەش بولۇپ، تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىدىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدىدى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كۆرسەتكۈچكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا سەل قارايدىغان شەكىلۋازلىق خاھىشىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى قىلدى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات بايلىقىنى تەقسىملەش ئادىل بولماسلىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقاردى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق مونوپوللۇق توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىچكى ئامىللىق ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى؛ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش ئاۋۋال بۇلغاپ كېيىن تۈزەيدىغان كونا يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇھىت قوغداشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقتا مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقارماسلىقتەك جاھىل ئىللەتنى تۈگىتىپ، كونكرېت ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەرەققىيات مەنزىلىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
ئىدىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە، ئورتاق تونۇشنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئورتاق پايدا ئېلىشتا. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قۇدرەتلىك چاقىرىق كۈچىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئاچقۇچلۇقى «چوڭ دۆلەتلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كىچىك دۆلەتلەر بېقىنىدىغان» ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇپ، باراۋەر بولۇش پوزىتسىيەسى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئورتاق ھەرىكەتنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر قاتناشقۇچى تەرەپنى تەرەققىياتتىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى. جۇڭگو تەشەببۇسنى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى يېتەكچى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، دۇنياۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشتى. جۇڭگو − ئافرىقا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى «باشقىلارغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30تىن %60كىچە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىي 1 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزدى، بۇ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى؛ جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى لائوسنى «قۇرۇقلۇقتىكى بېكىنمە دۆلەت»تىن «قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىلىق دۆلەت»كە ئايلاندۇرۇپ، %30تىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تېجەپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى؛ جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ھەمكارلىشىپ قۇرغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق چەت - يىراق مەھەللىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ كۆپ قاتلاملىق قىممىتىنى مۇجەسسەملىدى؛ دۇنياۋى تەرەققىيات تۈر ئامبىرى، مەبلەغ ئامبىرى 23 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە مەدەت بېرىپ، 1800دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇردى، ئاممىغا يېقىن بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان زور بىر تۈركۈم «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرلەر ئېنىق ھەرىكەت يۆنىلىشى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلىدى.
دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى 2030 - يىل قارالمىسىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، قايتا يارىتىش بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش غەربنىڭ ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە يولىغا تايىنىۋېلىشتىن ھالقىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدىغان چەكلىمىدىن قۇتۇلۇپ، تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئورتاق تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى يولىنى تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تەرەققىيات پايدىسىدىن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرەلەيدۇ.
(3)
خەلقئارا جەمئىيەت سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى داۋاملىق كۆپىيىپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىنسانلار ئايرىلماس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى. دۇنيا تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىدىغان خەۋپسىزلىك ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيەت لايىھەسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋەزىيەتكە قاراپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسىگە تايىنىپ خەلقئارا ئەندىزىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش تەپەككۇرىغا تايىنىپ خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىش، دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. بۇ تەشەببۇسنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ تەرەققىياتنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان دۇنياۋى مۇھەببىتى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان داھىيلىق سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى دۇنيا تىنچلىق رامكىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىشىشى 21 - ئەسىر خەۋپسىزلىك خىرىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ مۇھىم بايان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك قىيىنچىلىقىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق تونۇشنى چوڭقۇر ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى.
دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ھەم ئورمان قائىدىسى، زومىگەرلىك لوگىكىسىغا بولغان روشەن قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا يېڭىچە خەۋپسىزلىك يولىغا بولغان ئىلمىي يېتەكچىلىك بولۇپ، يەككە تەرەپلىك قارىسىغا ئىلگىرىلەش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش ئېلىپ كەلگەن خەۋپسىزلىك قالايمىقانچىلىقىغا سىستېمىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆز خەۋپسىزلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تىن ئىبارەت خاتا تونۇشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، خەۋپسىزلىكنى پارچىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، قارشىلىشىش تەپەككۇرىدىن ھالقىغان ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى ئاچتى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك زومىگەرلىك لوگىكىسىغا قانۇن نەزەرىيەسى قاتلىمىدىن رەددىيە بېرىپ، «زوراۋانلىقنى ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش»تەك خاتا قىلمىشنى توسۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاشتىن ئىبارەت مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قايتا تەكىتلىدى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىش ئەندىزىسىنى تۈپتىن بۇزۇپ تاشلاپ، يەككە تەرەپچىلىكنىڭ باشقىلارنى چەتكە قېقىش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشتىكى يادرولۇق يول قىلىشنى بېكىتتى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىنىڭ ئۆزئارا باراۋەر ئىكەنلىكىنى، بىردەك ئۇزاق مۇددەت سەل قاراشقا ۋە سىستېمىلىق دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى؛ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەككە تەرەپلىك چەكلەش، ھەربىي تەھدىت قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىنكار قىلىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى تىنچلىق لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئەنئەنىۋى ساھەلەر ۋە ئەنئەنىۋى ساھەلەردىن باشقا ساھەلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتى. «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئېنىق مەيدان ئارقىلىق كونا خەۋپسىزلىك قارىشى بىلەن بولغان چەك - چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، سىستېمىلىق لايىھە ئارقىلىق دۇنيانى ئورتاق خەۋپسىزلىك ئەمەلىيەت يولى بىلەن تەمىنلىدى.
دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنىڭ قۇدرەتلىك چاقىرىق كۈچى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداشقا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىنى قوغدىشى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشقا باراۋەر قاتنىشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو ئىزچىل ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇمى ھۆججىتى» «دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، تەشەببۇسنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ ھەم چۈشەندۈرۈپ، «ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش − ئەمەلىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش نەتىجىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت مۇكەممەل رامكا بەرپا قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىككە تۈرتكە بولىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى. جۇڭگو مەۋقەنى تەشەببۇستا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ھەرىكەت يۆنىلىشىگە قويۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك خىرىسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلدى. ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ساھەسىدە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە ئەسكەر چىقارغان بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى؛ ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكتىن باشقا ساھەلەردە دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىشىش كۈچى ئارقىلىق دۇنياۋى خەۋپسىزلىك يېڭى تېمىلىرىغا جاۋاب بەردى؛ رايون خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا سىجىل ئاكتىپ كۈچ قوشتى. تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سۆھبەتلىشىش ئەمما قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، ئورتاق پايدا ئېلىش ئەمما نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىناشماسلىقتىن ئىبارەت يېڭىچە خەۋپسىزلىك يولىدا ماڭدى.
(4)
ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسى تۈرلۈك مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىدىكى ئەڭ چوڭ رېئاللىق ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىغان جىددىي ئېھتىياجنى كۆزلىگەن دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇستەھكەم مەدەنىيلىك تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ تەشەببۇس جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تەجرىبىلىرىنىڭ سەرخىللىشىشى، يۈكسىلىشى بولۇپ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش، بۇ، سىغدۇرۇشچان بولۇش روشەن ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.
«دۇنيا مول مەزمۇنغا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە، كۆپ خىللىق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ جەلپكارلىقى، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر قانداق قىلىپ بىللە ئۆتىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ دېگەن دەۋر تېمىلىرىغا جاۋاب بېرىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەت لوگىكىسى سىڭگەن بولۇپ، ھەم مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدىكى رېئال خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان، ئېنىق قاراتمىلىققا ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىسلىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى «تۆت ئورتاق تەشەببۇس»تا، يەنى دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش، خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىشتا مەركەزلىك گەۋدىلەندى. دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى مەدەنىيلىك ساھەسىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىلەن ئەمەلىيەت يولىنى چوڭقۇر يۇغۇردى. قىممەت ئۆلچىمى جەھەتتە، تۈرلۈك خاتا تونۇشلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، خىلمۇخىل بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا قارشى تۇرۇپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق جاكارلىدى؛ ئەمەلىيەت يولى جەھەتتە، مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش داۋامىدىكى تەكەببۇرلۇق، بىر تەرەپلىمە قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى زومىگەرلىكنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيلىكنى سىقىپ چىقىرىشىغا قارشى تۇرۇپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ خىل دىيالېكتىك تەدبىر يۈرگۈزۈشنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەدەنىي، ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا بولغان ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشنى ئاساس قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىدىيەسى بويىچە، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبەتلىشىش يىغىنى، لياڭجۇ مۇنبىرى، دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا سۇپىلارنى بەرپا قىلىپ، 78 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ «مەدەنىيلىك سۆھبىتى خەلقئارا كۈنى» تەسىس قىلىپ، مەدەنىيلىك سۆھبىتىنى دۇنياۋى مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. 2025 - يىلى 6 - ئايدا، تۇنجى «مەدەنىيلىك سۆھبىتى خەلقارا كۈنى» دۇنياۋى باش تېمىلىق پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنى، دۇنياۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنى، جۇڭگو − ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى كىشىلىك ھوقۇق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ قىممەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا بولغان تونۇشىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن چۈشىنىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلدى. مەۋقەنى مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشكە قويۇپ، جۇڭگو 100دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ مەدەنىيلىك يىلتىزىنى قوغدىدى، ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى ئورتاق قوغدىدى. خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «باھار بايرىمى شادلىقى»، «چايغا مۇجەسسەملەنگەن دۇنيا ئىناقلىقى» قاتارلىق داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرى، يىپەك يولى خەلقئارا تىياتىرخانا ئىتتىپاقى قاتارلىق ھەمكارلىق تورى ھەمدە دوستانە شەھەر، كۇڭزى شۆيۈەنى، مەملىكەت سىرتى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق كۆۋرۈك، تۈگۈنلەر ئارقىلىق قەدىمىي كىتابلار، جۇڭيى تىبابىتى - دورىگەرلىكى، چامباشچىلىق، شىچۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن رەقەملىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش داۋامىدا قىممەت ئورتاق ساداسىنى ياڭراتتى. بۇ ئەمەلىيەتلەر ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىغا يىلتىز تارتتى، ھەم مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سىغدۇرۇشچانلىق ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشتىن ھالقىپ ئۆتۈشتەك قەتئىي ئىنتىلىشنى جانلىق ئىزاھلىدى.
(5)
دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە كېڭەيمەكتە، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىسلاھ قىلىش ھەرگىزمۇ ئاغدۇرۇۋېتىپ قايتا بەرپا قىلىش، يېڭىباشتىن تۇتۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش ئاساسىدا، يېڭىلىق يارىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەۋر ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتىن ئىبارەت.
«دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش بولغان بىر چوڭ كېمىدە ئولتۇرۇپ، دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، پارلاق كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن جەزمەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك، كىمنىدۇر بىپايان دېڭىزغا تاشلىۋېتىش غەرىزىدە بولۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جانلىق، ئوبرازلىق بايانىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى روشەن تەشەببۇس ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلدى. ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىگە ئەمەل قىلىپ، «ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇش»تەك ئىللەتنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئورتاق ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات دەپ ئايرىلماي، ھەممىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلدى؛ خەلقئارا قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىپ، دىققەتنى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئومۇميۈزلۈك، تولۇق، مۇكەممەل رىئايە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا قائىدىنى پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى، قائىدە سىستېمىسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە مەنپەئەت تەلىپىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارچىلانغان ئىدارە قىلىش رېئال قىيىنچىلىقىغا قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، گۇرۇھ سىياسىيسى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى؛ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ قىممەت مەنزىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى؛ ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۆزلەپ، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ بەش چوڭ تۈۋرۈك ئۆزئارا تىرەك بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئېنىق رامكىسىنى سىزىپ بەردى.
خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. قائىدە ئارقىدا قېلىشتىن ئىبارەت ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا، جۇڭگو دۇنياۋى ئېكولوگىيەنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، «پارىژ كېلىشىمى» ۋە «كۇنمىڭ - مونترېئال دۇنياۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2035 - يىل دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلاپ، دۇنياۋى پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى؛ رەقەملىك ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، «دۇنيا سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى تەشەببۇسى» «دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى» «دۇنيا سانلىق مەلۇماتنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەش ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەقەملىك ئىدارە قىلىش رامكىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «باي دۆلەتلەر ۋە بايلارنىڭ ئويۇنى» بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھوقۇق تەڭپۇڭسىزلىقىدىن ئىبارەت ساقايماس كېسەل توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگو دۇنياۋى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ ئۈلۈش نىسبىتى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بەردى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قاتارلىق جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى سۇپىلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى سېلىنمىسىنى زورايتتى ھەم ئالاقىدار ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى؛ 30 نەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىكتە شياڭگاڭدا خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا قانۇنچىللىق كۈچى قوشتى.
دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى بىلەن دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنى ئورتاق ھاسىل قىلىدۇ. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئادىل قائىدە ئۇل تېشىنى پۇختىلاپ، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئارقىلىق سودا قورۇقچىلىقى ۋە تېخنىكا توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈم توسالغۇلىرىنى تازىلاپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ھالقىغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى قىيىن ھالەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى باراۋەر سۆھبەتلىشىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەرەققىياتنى نىشان، خەۋپسىزلىكنى كاپالەت، مەدەنىيلىكنى ۋاسىتە، ئىدارە قىلىشنى تىرەك قىلىپ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىپ كۈچەپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئومۇملۇق ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.
(6)
2025 - يىلىدىكى دۇنيا ھەم تىنچسىز بولدى، ھەم پەۋقۇلئاددە بولدى، ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى نوقۇل «يىللىق قىزىق نۇقتىلىق سۆز» بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن. يىل ئاخىرىدا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يەنىلا قالايمىقانچىلىق ۋە ھاياتىي كۈچ گىرەلەشكەن مەنزىرە نامايان بولماقتا.
ھەيۋەتلىك دەۋر ئېقىمىدا، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، ئىرادىدىن يانماي چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.
«ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، پەقەت توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتكەندىلا، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى، ئاندىن كېيىنكىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك تۆھپە ياراتقىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا ئىشەنچ قوشۇپ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بېغىشلىدى. دۇنيادىكى تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، تەرەققىيات كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو سىستېمىلىق تۇتاشقان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئۆز تەرەققىياتى بىلەن دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۇتۇق قازاندۇرۇشىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۈچلۈك ئىزاھلىدى.
تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى بار، تەتۈر ئېقىم دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا تارىخىنىڭ ئەگرى - توقاي ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ لوگىكىسى ئۆزگەرمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەقدىرداش بولۇش چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تارىخىي ئىشەنچ ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدۇ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدۇ. توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو داۋاملىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا دۇنياۋى خىرىسلارنى تۈگىتىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان بىردىنبىر ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)






