12-ئاينىڭ 18-كۈنى، قىشلىق كۈن توختاش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى شورلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاشخانىسى ئىللىقلىققا چۆمدى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، جىلتە ئېچىپ، قىيما قىلىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، دانە-دانە بەنشىرلەرنى تۈگۈپ چىقتى. قازاندىن چىققان ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بەنشىرلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىشتىنى چىڭىتىپ، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىنى ئىللىقلىققا ھەم بەختتكە تولدۇردى.









( ئاپتورلار: ما جەنچى، ياسىن ئابدۇرېھىم ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى )






