تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لوپ ناھىيەسىدىكى ھۈنەرۋەنلەر نەپىس مىس بۇيۇملارنى ياساپ چىقتى

   12-ئاينىڭ 15-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى جايتوغراق كەنتىدىكى لوپ ناھىيەسى تەۋەررۈك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، خىزمەتچىلەر چوڭ تىپتىكى مىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى جىددىي ياساش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، نۆۋەتتە 40 نەچچە تۈردىكى مىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولدى، مەھسۇلاتلىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا بازار تاپتى. بۇ، ئەنئەنىۋى مىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بارماق ئۇچى ھۈنەر-سەنئىتى» ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر مەمەتئېلى ئەنۋەر)

خىزمەتچىلەر چوڭ تىپتىكى مىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىغا نەقىش ئويماقتا.

نەپىس مىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ھۈنەر-سەنئەت مۇجەسسەملەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.