تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «15 - بەش يىل»دا قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداپ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «15 - بەش يىل»دا قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداپ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل فاڭجېنى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى. شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساسى بار، شارائىتى بار، ئىقتىدارى بار. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسلىق نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان نىزام، تۈزۈملەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يۈرۈشلەشكەن نىزام، سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى بازار مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، جەمئىيەت مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. نازارەت قىلىش - تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ زورىيىشى، سەرخىللىشىشى، كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي يىغىنغا قاتناشتى. ليۇ خۇيجۈن، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانا ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.