تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قوشنىلار ئېجىل ئۆتۈشنىڭ «بەخت رېتسېپى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەر، ئاتۇش شەھىرىدە تاڭ تېخى تولۇق يورۇمىغانىدى. بىر قېتىملىق بوراندىن كېيىن، نۇرلۇق كوچا باشقارمىسى ماناس مەھەللىسى ۋەيرانە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، قەغەز پارچىلىرى ۋە چاڭ - توزان ھەممە جاينى قاپلىغانىدى.

«شىرت... شىرت...» مەھەللە خىزمەتچىسى ئابىدە ھېكىم ئەمدىلا ليۇ شۇفېننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى رايوننى تازىلاپ بولدى. بۇ چاغدا، دەنيۈەن ئىشىكى ئېچىلىپ، ياندىكى دەنيۈەندە ئولتۇرىدىغان جاڭ جيەنگو بىر سۈپۈرگىنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى: «ئابىدە، خەيرلىك سەھەر!»

ئابىدە بېلىنى رۇسلاپ، توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن قولىنى ئېغىزى بىلەن ھورداپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ بۆلەكنى سۈپۈرۈپ بولۇپ، ليۇ مومايغا ناشتىلىق ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇپ تۇراتتىم».

ماناس مەھەللىسىدە خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قىرغىز مىللىتى قاتارلىق سەككىز مىللەت، 4460 ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. مەھەللە «ئىناق، گۈزەل ماناس . مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق سىزىش»نى ماركا قىلىپ، «بەشنى گىرەلەشتۈرۈش، تۆتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچنى تاكامۇللاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت «543 خىزمەت ئۇسۇلى»نى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كۈندىلىك ئارىلىشىش داۋامىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

«تام قوپۇرۇلسا قەلبلەر توسۇلىدۇ، تام چېقىلسا قەلبلەر تېخىمۇ تۇتىشىدۇ.» مەھەللە ئاھالىسى چېن جىخېڭ ھەر كۈنى خوتۇنىنى ئېلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئولتۇراق رايوندا سەيلە قىلىدۇ، ھەر مىللەتتىن بولغان قوشنىلىرىنىڭ مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى، شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ھاياجانلىنىدۇ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. ئىلگىرى، ماناس مەھەللىسىدىكى گۇاڭمىڭ ئولتۇراق رايونى بىلەن پامىر ئولتۇراق رايونى ئوتتۇرىسىدا بىر ھويلا تېمى بار بولۇپ، بوشلۇق ئايرىۋېتىلىپلا قالماي، قوشنىلار ئارىسىدىكى ئارىلىشىشنىمۇ كۆرۈنمەس ھالەتتە ئايرىپ تۇراتتى.

مەھەللە 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، «تامنى چېقىپ ھويلىنى قوشۇۋېتىش» ئارقىلىق كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېتىشمەسلىك، تۇرۇبا تورى كونىراپ كېتىش، ئەڭ ئۈستى قەۋەتتىن سۇ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماي، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۈچ قەلبداشلار مەيدانى، بەش قەلبداشلار راۋىقىنى يەنە ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئارام ئېلىپ پاراڭلىشىدىغان ياخشى جاي ۋە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىكى «قەلبداشلار كۆۋرۈكى»گە ئايلاندۇردى.

مەھەللىدىكى 48 بىنادىكى 134 دەنيۈەننىڭ ھەممىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۆپچىلىك دائىم كۆرۈشۈپ تۇرۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئادەتكە ئايلانغان.

يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان ليۇ شۇفېننىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، ئابىدە ھەر كۈنى مەھەللە ئاشخانىسىدىن ئىسسىق تاماق ئېلىپ موماينىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرەتتى، يەنە تېز يوللانما ئېلىش، دورا سېتىۋېلىش، مېۋە سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشەتتى.

قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان بۇنداق ھېكايىلەر ھەر كۈنى مەھەللىدە بولۇپ تۇرىدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، مەھەللە «ئاھالىلەر زاكاز قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى قوبۇل قىلىش» مېخانىزمى ئارقىلىق، جەمئىي 800دىن ئارتۇق ئىلتىماس - تەلەپنى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار تۆت ئوقۇغۇچىغا 10 مىڭ 200 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەھەللە ئادەم ئىشلىتىش ۋە ئىش ئورنىدىن ئىبارەت «ئىككى تىزىملىك»نى ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى «شەخسىي زاكاز» بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 55 كىشى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتە ئاشپەزلىك، توكچىلىق قاتارلىق ماھارەتنى ئىگىلىدى.

مەھەللە يەنە سەككىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى كىرگۈزۈپ، ئۆي ئىجارىسى، سۇ - توك ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق ئاھالىلەرنى بازار باھاسىدىن %20تىن %30كىچە تۆۋەن بولغان بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىپ، ھەر يىلى ئاجرىتىلغان 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىراجىتىدىن ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

ھازىرغىچە، بۇ مەھەللىدە 200دىن ئارتۇق كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، 32 كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، ھەر مىللەت ئامما ئورتاق بېيىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملاردا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى «چەتتە قاراپ تۇرغۇچى»دىن «قاتناشقۇچى»غا ئايلاندۇرۇپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى 200دىن ئارتۇق ماجىرانى مەھەللە ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى؛ «مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى + كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى + بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مەركىزى» ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش . بەش جەزمەن بېرىش» «مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش بويىچە ئىشىك چېكىش» قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇلۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، بالىلار ياخشى تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش رېئاللىققا ئايلاندى.

ھەربىر جانلىق ھېكايە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈندىلىك قايناق تۇرمۇشتا يىلتىز تارتقۇزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.