يېقىندا، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەپ خۇنەنگە بېرىپ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقى، پۇتبول كوماندىسىنىڭ شياڭشى ئوبلاستى كوماندىسى، لوۋدى كوماندىسى ۋە خۇنەن دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە 4-بولغان كوماندا بىلەن ئۈچ مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، چىملىق مەيدانىدا ماھارەت كۆرسىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خۇنەن دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ شياڭتەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تۇرپاندىن كەلگەن 75 ئارتىس باشلىنىش ئۇسسۇلىنى ئوينىماقتا.

«تۇرپاندىكى ئۈزۈمزاردا ياڭرىغان كۈيلەر»ناملىق ناخشا، ئۇسسۇل، لەپەر مۇجەسسەملەنگەن تىياتىر.
خۇنەن بىلەن تۇرپان ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئالاقىسى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 11ـ ئاينىڭ بېشىغىچە، تۇرپان شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى چاڭشا، شياڭتەن، خېڭياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، «تۇرپاندىكى ئۈزۈمزاردا ياڭرىغان كۈيلەر» «شادىيانە نازىركوم» قاتارلىق كىلاسسىك تىياتىرلارنى ئورۇنلىدى ھەم يەتتە مەيدان كوچا كۇەيشەن پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ بۇنىڭدىن بۇرۇن شياڭتەندىكى ئاساسىي مەيداندا تۇرپانلىق 75 ئارتىس ئېلىپ كەلگەن باشلىنىش ئۇسسۇلى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت پۇتبول ئارقىلىق سەھنە ھازىرلاپ، مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، ئىككى جايدىكى ئامما ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇنەن بىلەن تۇرپاننىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
«新疆发布» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






